ئۇيغۇر رايونىدىكى دائىرىلەر شىمال - جەنۇب پەرقىنى كىچىكلىتىش ھەققىدە ۋەدە بەردى

بېيجىڭدا شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى ئېچىلغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ھەققىدە بىر قاتار يېڭى چاقىرىق ۋە تەشەببۇسلار ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.

بۇ چاقىرىقلاردىن ئەڭ يېقىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغانلاردىن بىرى، ئۇيغۇر رايونىدا شىمال بىلەن جەنۇب ئارىسىدىكى پەرقنى كىچىكلىتىشتۇر. شىنجاڭ خەۋەر تورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دائىرىلەر بۇ ھەقتىكى يىغىنىدا ئۇيغۇر رايونىدا 2 مىليون 700 مىڭ نامرات ئائىلە بارلىقىنى، بۇلارنىڭ ئاساسلىقى جەنۇبتىكى ئىككى ۋىلايەت ۋە بىر ئوبلاستتا ئولتۇراقلاشقان يەنى ئۇيغۇر رايونىدا ئاساسلىقى ئۇيغۇرلارنىڭ نامرات ئىكەنلىكىنى ۋاستىلىق ئېتىراپ قىلغان.

شىنجاڭ خىزمەت يىغىنىدا گەرچە، "شىنجاڭغا ياردەم بېرىش" چاقىرىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، ئۇيغۇر رايونىنىڭ يەرلىك خەلقى بولغان ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىش ھەققىدە ئاشكارا ئىپادە بىلدۈرمىگەن ئىدى. خىتاينىڭ بۇ نۆۋەت، شىمال - جەنۇب پەرقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى ئەمەلىيەتتە، رايوندىكى خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى ئىقتىسادىي تەڭسىزلىكنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشى دەپ قارالماقتا.

ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىقتىسادىي نارازىلىق يالغۇز، ئۇيغۇر رايونى بىلەن خىتاي ئۆلكىلىرى ئارىسىدىكى پەرق بولماستىن، بەلكى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدىكى تەڭسىزلىكتىن ئىبارەتتۇر.