بىڭتۈئەن ئۇيغۇر ئېلىغا يەنە كۆچمەن يۆتكەيدۇ

شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش ئارمىيىسى تارمىقىدا ئۇيغۇر ئېلىغا 12 مىڭ خىتاي كۆچمەن كۆچۈرۈلمەكچى. بۈگۈن تەيۋەن مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسى ئۆزىنىڭ پولىكلىرى ۋە ئىشلەپچىقىرىش مەيدانىنىڭ سانىنى 178 دىن 179 غا كۆپەيتتى.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، 3 - نويابىر كۈنى تەكلىماكاننىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى 2 - دېۋىزىيىنىڭ 38 - پولكى رەسمىي قۇرۇلغانلىقى جاكارلىنىپ، بىڭتۇئەننىڭ پولك ۋە ئىشلەپچىقىرىش مەيدانلىرىنىڭ سانى 179 غا يەتكەن.

شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى كوڭ شىڭلوڭ پات ئارىدا 12 مىڭ نوپۇسلۇق يېڭى شەھەرچە ۋە ئۈچ روتانىڭ ئولتۇراق رايونى قۇرۇپ چىقىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئىگىلىنىشىچە مەزكۇر يېڭى پولك 180 مىڭ مو يەرنى ئىگىلەيدىكەن.

ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنىڭ 38 - پولكى 2008 - يىلى قۇرۇلۇشقا باشلىغان بولۇپ، ئۇنىڭ جايلاشقان ئورنى بايىنغۇلىن ئوبلاستىنىڭ ئەڭ جەنۇبىدىكى مۆلچەر دەرياسى ۋە قارامىرەن دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىكى تۈزلەڭلىكتىن شەرق تەرەپتە بايىنغۇلىن ئوبلاستىنىڭ چەرچەن ناھىيىسى، غەربتە خوتەننىڭ نىيە ناھىيىسى بىلەن چېگرىلىنىدىغان بولۇپ، سۇ مەنبەسى ناھايىتى مول بولغان رايون ئىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى گەرچە ئىشلەپ چىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنىڭ ئومۇمىي نوپۇس سانىنىڭ ئىككى يېرىم مىليون ئىكەنلىكىنى بىلدۈرسىمۇ، بىراق تەتقىقاتچىلار بۇنىڭ ئاللىبۇرۇن ئۈچ مىليوندىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.

كۆزەتكۈچىلەر ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلىگەن جەنۇبىي رايونلاردا تېز سۈرەتتە خىتاي ئاھالىسىنىڭ سانىنى كۆپەيتىۋاتقانلىقىنى ئېيتىشماقتا.