بېيجىڭ پاسپورت بېجىرىش دائىرىلىرى: بېيجىڭدىكى ئۇيغۇرلارغا پاسپورت بېرىشنى بىز قارار قىلمايمىز
2012.12.19
«يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» نىڭ ئىنگلىزچە بېتى چارشەنبە كۈنى مەزكۇر مەسىلە ھەققىدە ماقالە ئېلان قىلدى. ماقالىدە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، بېيجىڭ پاسپورت بېجىرىش ئورنىنىڭ لىن فامىلىلىك باياناتچىسى ئاتىكەمگە پاسپورت بېرىشنىڭ رەت قىلىنىشى ھەققىدە تەپسىلىي پىكىر بىلدۈرۈشنى رەت قىلىپ، بىراق ئوخشىمىغان رايونلارنىڭ ئوخشىمىغان بەزى تەلەپ-ئۆلچەملىرىنىڭ بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
«يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» نىڭ ماقالىسىدە يەنە، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ياردەمچى تەتقىقاتچىسى تۇرغۇنجان تۇرسۇننىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇ جۇڭگونىڭ پاسپورت قانۇنى ۋەتەنداشلىرىغا 15 كۈن ئىچىدە پاسپورت بېجىرىپ بېرىشنى بۇيرۇسىمۇ، بىراق خەنزۇلار بىلەن باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئوخشىمىغان ئۆلچەم قويۇلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
ئاتىكەم روزى، بېيجىڭ مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 3 يىللىق ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، ئۇ ئاز دېگەندە ئىككى قېتىم پاسپورتقا ئىلتىماس قىلغان بولسىمۇ، بىراق بېيجىڭ شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى ئۇنىڭ ئىلتىماسىنى رەت قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ «سىنا» مىكرو بلوگىغا پىكىر يېزىپ، مىللىي كەمسىتىشكە ئۇچرىغانلىقىنى پاش قىلغان. بۇ ۋەقە «سىنا» مىكرو بلوگىدا غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى.
«يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» نىڭ ماقالىسىدە ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بېيجىڭ شەھەرلىك پاسپورت بېجىرىش ئورنىنىڭ بىر ئايال ئەمەلدارى ئۇيغۇرلارغا پاسپورت بېجىرىش ھەققىدە توختىلىپ، «شىنجاڭ پۇقرالىرى پاسپورتقا ئىلتىماس قىلسا، بۇنى بىزنىڭ بېيجىڭ تەرەپ قارار قىلمايدۇ. بىز شىنجاڭ تەرەپنىڭ ساقچى ئورگىنى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇنىڭ قانۇنلۇق ياكى قانۇنلۇق ئەمەسلىكىنى تەكشۈرىمىز ۋە شۇنىڭغا قاراپ جاۋاب بېرىمىز» دېگەن.