پاكىستان باش مىنىستىرى ئۇيغۇر پىدائىيلىرىنى ئەيىبلىگەن

پاكىستان باش مىنىستىرى گىلانى سەيشەنبە كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇر پىدائىيلىرىنى ئەيىبلىگەن ۋە خىتاينىڭ ئاتالمىش تېررورلۇققا قارشى ھەرىكەتلىرىنى تولۇق قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2012.05.30

پاكىستاندا چىقىدىغان «خەلقئارا خەۋەرلەر تورى» دا نەقىل قىلىشىچە، يۇقىرىقى باياناتنى پاكىستان باش مىنىستىرلىقى، يۈسۈف رىزا گىلانى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جيېچى بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ئېلان قىلغان بولۇپ، گىلانى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى پىدائىيلىرىنىڭ پاكىستان تەۋەسىدە خىتايغا قارىشى قوراللىق ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.

سۆھبەت جەريانىدا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پاكىستاننىڭ تەيۋەن، تىبەت ۋە شىنجاڭ مەسىلىسىدىكى مەۋقەسىدىن رازى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئىككى تەرەپ يەنە خىتاي مەبلەغ تەمىنلىگەن نيلۇم-جھېلۇم سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسى ۋە گۋادار پورتىنىڭ قۇرۇلۇشى قاتارلىق مەسىلىلەردە سۆھبەتلەشكەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جيېچى 29-ماي پاكىستاندا رەسمىي زىيارەتتە بولغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.