جۈمە كۈنى ئۈرۈمچى نوغاي مەسچىتى ئالدىدا ساقچىلار بىلەن تىركىشىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 4 ئۇيغۇر تۇتقۇن قىلىندى

جۈمە كۈنى ئۈرۈمچى نوغاي مەسچىتى ئالدىدا جۈمە نامىزىدىن قايتقان ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاي ساقچىلار تىركىشىپ قېلىپ، 4 ئۇيغۇرنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2011-07-01
Share

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شۇ كۈنى جۈمە نامىزىدىن قايتقان بىر توپ ئۇيغۇر مەسچىت ئالدىدا توپلانغان. بۇنىڭدىن بىئارام بولغان ساقچىلار ئۇيغۇرلارنى تارقىتىۋېتىشكە ئۇرۇنغان بولۇپ، بۇ نامازخانلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلار بىلەن ساقچىلار ئارىسىدا تىركىشىش يۈز بېرىپ، 4 كىشى تۇتقۇن قىلىنغان. بىراق دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسمى ۋە قەيەرلىك ئىكەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى.

قۇرۇلتاي باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ قايسى تارمىقى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى مەلۇم ئەمەس ئىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى «5‏-ئىيۇل ۋەقەسى» يېتىپ كېلىش ھارپىسىدا ئۈرۈمچى، قەشقەر، غۇلجا قاتارلىق شەھەرلەردە بىخەتەرلىكنى كۈچەيتىپ، كىشىلەرنىڭ توپلىنىشىنى چەكلىگەن. غۇلجا قاتارلىق بىر قىسىم شەھەرلەرنىڭ كوچىلىرىغا برونېۋىك ۋە قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنى ئورۇنلاشتۇرغان ئىدى.دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت خىتاي دائىرىلىرىنى تەنقىدلەپ، خەلقنىڭ يىغىلىش، ئىبادەت ۋە پىكىر قىلىش ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىشقا چاقىردى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت