خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى يېتىم بالىلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يوللىماقتا
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ
2009.08.25
2009.08.25
بۇ يەتتە نەپەر ئۆسمۈر ئاساسەن ئاتا - ئانىسىدىن يېتىم قالغان ياكى تۇرمۇش قىيىنچىلىقى بار بولغان قازاق ھەم تاجىك ئائىلىلىرىدىن بولۇپ، چوڭى 11 ياشتا، كىچىكلىرى 9 ياشتا ئىكەن.
خەۋەردىن ئاشكارىلىنىشىچە، بۇ بالىلار ئەسلىدە 2007 - يىلىدىن باشلاپ، ئۇيغۇر ئېلىدە تۇرۇشلۇق خىتاي چېگرا قوراللىق ساقچى قىسىمىدىكىلەر يىغىپ ئوقۇتۇۋاتقان يېتىم بالىلار بولۇپ، بۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ لىجاڭ شەھىرىدىكى دارىلئېتامدا تۇرىدىكەن. ھالبۇكى خەۋەردە، بۇ بالىلارنىڭ نېمە ئۈچۈن مەدەنىيەت ۋە تۇرمۇش ئادىتى شۇنداقلا تىل جەھەتتىن يات بولغان خىتاي ئۆلكىسىگە يۆتكەپ كېتىلىش سەۋەبى چۈشەندۈرۈلمىگەن.
ئۈرۈمچىدىكى يېتىم - يىسىرلار پاراۋانلىق ئورنىدىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىمىزدىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارى بولمىغان يېتىم - يىسىر بالىلارنىڭ سانى خېلى كۆپ بولۇپ، ھۆكۈمەت ياكى شەخسىلەر تەرىپىدىن قۇرۇلغان، ئاتالمىش يېتىم - يىسىرلار مەكتىپىنىڭ باشقۇرۇش تۈزۈملىرىدە ئىنتايىن مۇرەككەپ مەسىلىلەر ھەم قانۇنسىز ھەرىكەتلەر مەۋجۇت ئىكەن، ھەتتا بەزى يىتىملار مەكتىپىدىكى ئىگە- چاقىسىز ئۇيغۇر بالىلىرى مەكتەپتە، خىتاي تەربىيىچىلەرنىڭ روھىي ھەم جىسمانىي جەھەتتىكى خورلىشىغا، دىنىي ھەم ئىنسانىي كەمسىتىشىگە ئۇچرىغاندىن سىرت، ئىسىملىرى خىتايچىغا ئۆزگەرتىلىپ، خىتاي ئائىلىلىرىگە سېتىۋېتىلگەن ئەھۋاللارمۇ بار ئىكەن.