ئۇيغۇرلار فەئىرفاكىس شەھىرىدە يېڭى يىلنى قارشى ئالدى

ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى جەمئىيىتى ۋە خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە فوندى جەمئىيىتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتون شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ۋىرجىنيا،ماريلاند ھەم شۇنىڭدەك باشقا شتاتلاردىن كەلگەن كۆپ ساندا ئۇيغۇرلار فەئىرفاكىس شەھىرىدە 2012 - يىلىنى كۈتۈۋېلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2012.01.01

تەخمىنەن 150دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشقان مەزكۇر پائالىيەت ھەممە ئادەم بىردەك ھالدا ئۆرە تۇرۇپ، ئۇيغۇر مىللىي مارشى ئوقۇش بىلەن باشلاندى. ئارقىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم نۇتۇق سۆزلەپ، ئۇيغۇرلارنىڭ يېڭى يىلىنى تەبرىكلىدى شۇنىڭدەك بارلىق ئۇيغۇر جامائىتى ھەمدە ئانا ۋەتەندىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يېڭى يىلىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك، ئامان - ئېسەنچىلىك ۋە ئۈمىد بىلەن تولغان يىل بولۇشىنى تىلىدى.

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم سۆزىدە ئۆتكەن بىر يىلدىكى قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى خۇلاسىلەپ، 2011 - يىلىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن يەنىلا مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقى، قىلىنغان كۆپلىگەن خىزمەتلەر ئىچىدە گەۋدىلىكلىرىنىڭ بىرىنىڭ جەنۋەدە ئېچىلغان ب د ت نىڭ يىغىنىدا رابىيە قادىر باشلىق دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ خىتاي تەرەپ ۋەكىللىرىنىڭ ئۇلارنى قارىلاش ھەرىكىتىنى مەغلۇپ قىلىپ، ب د ت ئەزالىرى ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئاڭلىتىشنى قولغا كەلتۈرگەنلىكى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. رابىيە خانىم بۇ يىغىندا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋەكىللىرى خىتاي ۋەكىللىرىگە قارشى چىقىپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى قوللىغانلىقىنى تەسىرلىك ھالدا ئەسلەپ ئۆتتى.

رابىيە قادىر خانىم سۆزىدە يەنە يېقىندا گۇما ناھىيىسىدە خىتاي ساقچىلىرىنىڭ 7 ئۇيغۇرنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ، بالىلارنى تۇتقۇن قىلغانلىقى، شۇنىڭدەك ئۆتكەن 7 - ئايدا يۈزبەرگەن خوتەن ۋە قەشقەر ۋەقەلىرىنى ئەسلەتتى. ئۇ يەنە 2011 - يىلى، ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئۇيغۇر ئۆيى سېتىۋېلىنغانلىقى ۋە ئۆزىنىڭ كەلگۈسى پىلانلىرى ھەققىدىمۇ توختالدى. ئۇنىڭ سۆزلىرى قىزغىن چاۋاكلار بىلەن قارشى ئېلىندى.

بۇ قېتىمقى يېڭى يىل پائالىيىتىنىڭ ئۆزگىچىلىكى شۇكى، بۇ قېتىم پائالىيەتكە قاتناشقان ياشلارنىڭ نىسبىتى ئالاھىدە يۇقىرى بولۇپ، ياشلار ئۆزلىرىنىڭ يۇقىرى قىزغىنلىقىنى نامايان قىلدى. 2011 - يىلى، 12 - نويابىر كۈنىدىكى جۇمھۇرىيەت كۈنى پائالىيىتىدىمۇ ياشلار ئۆزلىرىنىڭ يۇقىرى ئاكتىپلىقىنى كۆرسەتكەن بولۇپ، كۆپچىلىك, ياش ئەۋلادلارنىڭ بۇ خىل مىللىي قىزغىنلىقىدىن ئاپىرىن ئوقۇشتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.