خىزمەتچى قوبۇل قىلىشتا ئۇيغۇرلارنىڭ كەمسىتىلىشكە ئۇچراۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە

غەرب مەتبۇئاتلىرىدا ئۇيغۇر ئېلىدە خىزمەتچى قوبۇل قىلىشتا ئۇيغۇرلارنىڭ كەمسىتىلىشكە ئۇچراۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ نەقىل قىلىشىچە، ئۈرۈمچىدىكى بىر دۇكاندار قىز تۇرسۇنگۈل: " بۇ يەردە چەتئەللەرگە بېرىپ كەلگەن، ياپونچە ۋە ئىنگلىزچىنى سۇدەك بىلىدىغان ئۇيغۇرلارمۇ كۆپ. ئەمما شۇنداق بولسىمۇ، ئۇلار يەنىلا خىزمەتسىز يۈرۈشمەكتە." دېگەن.

تۇرسۇنگۈل ئۆزىدىن ئەنسىرەپ ئىسمىنى ئۆزگەرتىپ دەپ بەرگەن. ئۇ، ئۆزىنىڭمۇ كۆپ قېتىم خىزمەت ئىزدىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ۋە " ئۇلار مېنى ئۇيغۇر بولغانلىقىم ئۈچۈن قوبۇل قىلىشمىدى" دېگەن.

خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، شۇ سەۋەبىدىن بەزى ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ باشقا ئۆلكىلىرىگە بېرىپ خىزمەت ئىزدەشكە كىرىشكەن. ھالبۇكى 26 - ئىيۇن شاۋگۇەن ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇرلار خىتايغا بېرىشتىن ئەنسىرەيدىغان بولۇپ قالغان.

خەۋەردە نەقىل قىلىشىچە يەنە، ئۈرۈمچىدىكى بىر ئاشپەز ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتە خىتاينىڭ باشقا جايلىرىغا ئاسان بارمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: "ئۆتكەن يىلى نېمە بولغانلىقىغا قاراڭ. ئۇيغۇرلار ئۆلتۈرۈلدى."

2009 - يىلى 26 - گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى شاۋگۇەن شەھىرىگە جايلاشقان ئويۇنچۇق زاۋۇتىدىكى خىتاي ئىشچىلار ئۇيغۇر ئىشچىلارغا ھۇجۇم قىلىپ 2 ئۇيغۇرنى ئۆلتۈرگەن. مەزكۇر ۋەقە ئادىل بىر تەرەپ قىلىنمىغاندىن كېيىن، شۇ يىلى ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرلار قوزغىلىپ " 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" كېلىپ چىققان ئىدى.