جاڭ چۈنشيەن 17-يانۋار گۇما ناھىيىسىنىڭ قۇشتاغ يېزىسىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدە ئۇنىڭ يەرلىك دېھقانلاردىن ھال سورىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ «مۇكۇيلا ۋەقەسى» گە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى تىلغا ئالغان ياكى ئالمىغانلىقى كۆرسىتىلمىگەن.
دىلشات رىشىت خىتاي دائىرىلىرىنىڭ «مۇكۇيلا ۋەقەسى» نى داۋاملىق بۇرمىلاپ چۈشەندۈرۈۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ۋەقەنى مۇستەقىل تەرەپلەرنىڭ تەكشۈرۈپ چىقىشىغا يول قويۇشنى ۋە ھەقىقىي ئەھۋالنى ئاشكارىلىشىنى تەلەپ قىلدى.
دىلشات رىشىتنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، «مۇكۇيلا پاجىئەسى» خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئاتالمىش «قانۇننى نەق مەيداندا ئىجرا قىلىش» سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئامانلىق كۈچلىرىگە چەكسىز ھوقۇق بېرىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئۇ، مەزكۇر سىياسەت بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ ھاياتىغا زور تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
يېقىندا خىتاي ئامانلىق كۈچلىرى مۇكۇيلا يېزىسىنىڭ پۇقرالىرىدىن پاكىستانغا قاچماقچى بولۇپ ماڭغان بىر قانچە ئائىلە كىشىلىرىگە ئوق چىقىرىپ، 2 ئايال ۋە 2 بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 7 ئادەمنى ئۆلتۈرگەن ئىدى.