بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خانويدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىغا يېقىن جايدىكى نامايىشچىلار ساقچىلار تەرىپىدىن تارقىتىۋېتىلگەن بولۇپ، نامايىشچىلارنىڭ بەزىلىرى تۇتقۇن قىلىنغان.
ۋيېتنامدىكى خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىشلىرى يەتتىنچى ھەپتىگە قەدەم قويغان بولۇپ، جەنۇبىي دېڭىزدىكى تاقىم ئاراللارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىن كېلىپ چىققان بۇ نامايىشلاردا نامايىشچىلار خىتاينى تاجاۋۇزچىلىق بىلەن ئەيىبلىگەن . ئالدىنقى بەش قېتىملىق نامايىشلاردا ساقچىلار نامايىشچىلارغا چېقىلمىغان ئىدى، ئۆتكەن يەكشەنبە كۈنىدىن تارتىپ ساقچىلار نامايىشلارنى قوپال ۋاسىتىلەر بىلەن تارقىتىشقا كىرىشكەن.
يەكشەنبە كۈنىدىكى نامايىشتا ۋيېتناملىقلار «يوقالسۇن خىتاي» دېگەندەك شوئارلارنى توۋلىغان ھەمدە لوزۇنكىلارنى كۆتۈرگەن.
جەنۇبىي دېڭىزدىكى بىر قىسىم تاقىم ئاراللارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە خىتاي بىلەن ۋيېتنام ئارىسىدا ئۇزۇندىن بۇيان كۈرەش داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، تاقىم ئاراللار مەسىلىسى يەنە فىلىپپىن بىلەن خىتاي ئارىسىدىمۇ جىددىيلەشكەن ئىدى. ۋيېتنام، فىلىپپىن ۋە خىتاي ھۆكۈمەتلىرى بۇ مەسىلىدە ئۇچرىشىپ، مەسىلىنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشنى تەكىتلەشتى.