«ۋال سترىت ژۇرنىلى» دا گۇما مۇكۇيلا ۋەقەسى ھەققىدە ماقالە ئېلان قىلىندى

گۇما مۇكۇيلا ۋەقەسى بۈگۈن خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق ژۇرنال «ۋال سىترىت ژۇرنىلى» دا ئېلان قىلىندى.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2012.01.05

ژۇرنال ئالدى بىلەن ۋەقە ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بېرىپ ئۆتكەندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن كىشىلەرنى تېررورچى دەپ ئاتىغانلىقىنى، ئەمما دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بۇنى رەت قىلغانلىقىنى بايان قىلغان.

ۋال سترىت ژۇرنىلى بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزىسىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى داۋاملىق ئىسلامى تېررور ھەرىكەتلىرى بىلەن باغلاش قىلمىشىنى «بىر چالمىدا ئىككى پاختەك سوقۇش» دەپ تەسۋىرلىگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن:
«خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى ئىسلامى رادىكاللىق بىلەن باغلاش ئارقىلىق بىر چالمىدا ئىككى پاختەك سوقۇپ كەلمەكتە. يەنى، بىر ياقتىن ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قاتتىق نارازى قىلىۋاتقان كەمسىتىش سىياسىتىنى يوشۇرۇپ قالسا، يەنە بىر ياقتىن، تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتقان غەربنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈشنى كۆزلىمەكتە.»

ۋال سترىت ژۇرنىلى ماقالىدە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىسلامى تېررورلۇق دېگەن نامدىن ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن پايدىلىنىپ كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، رايوندىكى بۇ خىل زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ خىتاينىڭ رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم، كەمسىتىش ۋە كۆچمەن يۆتكەش سىياسەتلىرىنىڭ تەبىئىي نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ «تېررورلۇق» تايىقى ئاستىدا ھەيدىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمەلىيەتتە تىبەتلەرگە ئوخشاشلا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئۇچراۋاتقان بىر خەلق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.