ۋاڭ لېچۈەن: 'ئۇيغۇر رايونىدا مۇقىملىقنىڭ ئاساسى ئاجىز'

ئۇيغۇر رايونىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى ۋاڭ لېچۈەن بۈگۈنكى تېلېۋىزىيە نۇتقىدا، ئۇيغۇر رايونىدا مۇقىملىقنىڭ ئاساسى ئاجىزلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ سۆزىدە مۇنداق دەيدۇ: "نۆۋەتتە شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ۋەزىيىتى يەنىلا جىددىي. مۇقىملىقنىڭ ئاساسى تېخى بىر ئاز ئاجىز."

مانا بۇ، ۋاڭ لېچۈەننىڭ ئۇيغۇر رايونىدا مۇقىملىقنىڭ ئاساسى يوقلۇقىنى تۇنجى قېتىم ۋە قىسمەن ئېتىراپ قىلىشىدۇر. بۈگۈنگە قەدەر كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسىسلىرى، ئۇيغۇر رايونىدا مۇقىملىقنىڭ ئاساسى يوقلۇقىنى، چۈنكى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا سىياسىي جەھەتتە زورۋانلىق، ئىقتىسادىي جەھەتتە تالان - تاراج سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى؛ شۇڭا ئۇيغۇرلاردا رازىمەنلىك شەكىللەنمەي تۇرۇپ ئۇيغۇر رايونىدا مۇقىملىقنىڭ مەۋجۇت بولالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ۋاڭ لېچۈەن ئۇيغۇر رايونىدا مۇقىملىقنىڭ ئاساسى يوقلۇقىنى 5 - ئىيۇل قانلىق ۋەقەسىدىن كېيىن تۇنجى قېتىم ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ھەقىقىي سەۋەبىنى تىلغا ئېلىشتىن يەنىلا ئۆزىنى قاچۇرغان.

خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ۋاڭ لېچۇەن سۆزىدە ئۇيغۇر رايونىدا مۇقىملىقنىڭ ئاساسى ئاجىز بولۇشىنىڭ سەۋەبىنى رابىيە قادىر ئېقىمىدىكىلەرنىڭ قۇتراتقۇلۇقى دەپ كۆرسەتكەن ھەم يەنە دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى 3 خىل كۈچلەرنىڭ تېررورلۇق ۋە بۇزغۇنچىلىق ئېلىپ بېرىش ئېھتىماللىقىنىڭ ھەر ۋاقىت مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن. ۋاڭ لېچۈەن بۇ قېتىمقى سۆزىدە يەنە، ھەر مىللەت ئاممىسىنى خىتاي ئاخباراتىنىڭ خەۋەرلىرىگە ئىشىنىشكە، دۈشمەن كۈچلەرنىڭ تەشۋىقاتىغا ئىشەنمەسلىككە چاقىرغان.