ئامېرىكا-خىتاي ۋاسكېتبول دوستلۇق مۇسابىقىسى جېدەل بىلەن ئاخىرلاشتى

تۈنۈگۈن بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن ئامېرىكا-خىتاي ۋاسكېتبول دوستلۇق مۇسابىقىسى جېدەل بىلەن ئاخىرلاشتى. خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، جېدەل مۇسابىقە 4 ‏-مەيدانغا كەلگەندە يۈز بەرگەن.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2011.08.19

بۇ چاغدا ئامېرىكىلىق بىر تەنھەرىكەتچىنىڭ خىتاي تەنھەرىكەتچىنى جەينەكلىشى، خىتاي تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ ئامېرىكىلىق تېرنىرغا ھۆرپۈيۈپ كېلىشىگە سەۋەب بولغان.

بۇنىڭ بىلەن ئىككى تەرەپ تەنھەرىكەتچىلىرى ئارىسىدىكى تالاش-تارتىش، مۇشت ئېتىش، تېپىش ۋە دەسسەش شەكلىدىكى توقۇنۇشقا ئايلىنىپ كەتكەن.

نەتىجىدە مۇسابىقە توختىتىلغان. ئامېرىكىلىق تەنھەرىكەتچىلەر مەيداننى بوشۇتۇپ ماڭغاندا، خىتاي تاماشىبىنلار ئۇلارغا قارىتىپ سۇ بوتۇلكىلىرىنى ئاتقان. بەزى تەنھەرىكەت مۇلاھىزىچىلىرى، توپ مەيدانلىرىدا بۇ خىل جېدەللەرنىڭ يۈز بېرىشىنى ھەيران قالارلىق ئەمەس دەپ باھا بەرسە، يەنە بەزى مۇلاھىزىچىلەر، « بۇ، نۆۋەتتە ئامېرىكا -خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى سوغۇقچىلىقنىڭ توپ مەيدانىدا ئەكس ئېتىشى» دېيىشمەكتە.

خىتاي تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ بۇ خىل يولسىزلىقى، بۇلتۇر برازىلىيەلىك تەنھەرىكەتچىلەر بېيجىڭغا كەلگەندىمۇ يۈز بەرگەن.

بۇنىڭغا ئاساسەن بەزى مۇلاھىزىچىلەر، خىتاي ئاخباراتىنىڭ يىللاردىن بېرى خىتاي خەلقىگە قارىتا ئەجنەبىي دۈشمەنلىكىنى تەشۋىق قىلىۋاتقانلىقىنى، يۈز بەرگەن توقۇنۇشنىڭ ئەجنەبىي دۈشمەنلىكى تۇيغۇسىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.