ۋېن جياباۋ گېرمانىيە زىيارىتىدە خەلق پۇلىنىڭ قىممىتى ھەققىدە ئامېرىكىغا ئىنكاس قايتۇردى

خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ، گېرمانىيىدە " خىتاي، خەلق پۇلى قىممىتىنىڭ ئادىل ۋە تەڭپۇڭلۇقى" نى ساقلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ۋېن جياباۋ، پەيشەنبە كۈنى بېرلىندا گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېكېل بىلەن سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن، ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەتتىن قارىغاندىمۇ، خىتاي پۇلى قىممىتىنىڭ مۇقىم بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئۇ سۆزىدە يەنە، خىتاي بىلەن ئامېرىكىنىڭ يېڭى ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا، خىتاي پۇلىنىڭ قىممىتى تۈپەيلى سۈركىلىشلەر مەيدانغا كېلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئەندىشىلەر ھەققىدە توختىلىپ، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى گېيتېنىرنىڭ ئۆتكەن ھەپتە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ ئېيتقان "خىتاينىڭ خەلق پۇلى قىممىتىنى باشقۇرۇشنى مونوپول قىلىۋاتقان دۆلەت ئىكەنلىكى" ھەققىدىكى سۆزىنى رەت قىلدى.

گېرمانىيە ۋە خىتاي دۆلەت مىنىستىرلىرى سۆھبەتتىن كېيىن بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ خەلقئارا پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىدا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ئىستىگىنىڭ بارلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.

بۇلاردىن سىرت، گېرمانىيە باش مىنىستىرى مېكېل خانىم خىتاي ھۆكۈمىتىنى، سۈرگۈندىكى تىبەتنىڭ داھىسى دالاي لاما بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىشقا چاقىردى.