خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيە تەشكىلاتى بىلەن ئىراننىڭ سۆھبىتىدىن ئۈمىد يوق
2012.02.22
بۇ، ب د ت يادرو كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ مۇشۇ بىر ئاي ئىچىدە ئىككىنچى قېتىم تېھرانغا بېرىپ، ئىراندىن، خەلقئارانىڭ ئاتوم قوراللىرى ئەندىشىسىگە جاۋاب قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلىشى، يەنى ئىككىنچى قېتىملىق يادرو سۆھبىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيە تەشكىلاتىنىڭ باش خادىمى يۇكىيا ئامانو، بۇ قېتىم ب د ت يادرو كۆزەتكۈچىلىرىنى ئىراننىڭ پارچىن ھەربىي بازىسىغا كىرگۈزمىگەنلىكىگە ئەپسۇسلىنىمەن، دېگەن.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈن خەۋەر قىلىشىچە، ئىران قوراللىق قىسىملىرىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى مۇھەممەد خوجاچى باياناتىدا، ئىراننىڭ يادرو ئېنېرگىيىسى پائالىيىتىنى يولغا قويۇش ھوقۇقى ئۈستىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈلمەيدۇ، ئەگەر ئىراننىڭ بىخەتەرلىكى تەھدىتكە ئۇچرىسىلا، ئىران ئالدى بىلەن ھۇجۇم قوزغايدۇ، دەپ جاكارلىغان.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، ھازىرقى بۇ ئەھۋال خەلقئارانىڭ ئىرانغا جازا قوللىنىشىنى تېزلىتىشى مۇمكىن.