خىتاي ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ جۈن 6-ئاينىڭ 13-كۈنى، جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 8-ماددىسىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ھەققىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇزاكىرە يىغىنىدا، بۇنىڭدىن كېيىن دۆلەتكە ئۆچمەنلىك قىلىش جىنايىتى سادىر قىلغان جىنايەتچىلەر قاتتىق جازالىنىدۇ، بۇ قانۇن بىلەن ھۆكۈم قىلىنغان ئۆلۈم جازاسى دەرھال ئىجرا قىلىنىدۇ، دەپ جاكارلىغان.
خىتاينىڭ قانۇن مۇتەخەسسىسى جىن شاۋپېڭنىڭ «قانۇنچىلىق» گېزىتىدە بايان قىلىشىچە، بۇ، خىتايدا بۇنىڭدىن كېيىن جازا قاتتىق بولىدىغانلىقىنىڭ سىگنالى.
بۇ قانۇن بۇرۇنقى دۆلەت بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزۈش، تېررورلۇق، گۇرۇھلىشىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈش، جەمئىيەت تەرتىپىگە ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلىش دېگەن جىنايەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ھەم دائىرىسى تېخىمۇ كەڭ، جازا تېخىمۇ ئېغىر بولىدىغان قانۇن.
بۇ ئۇچۇر ھازىر خىتايدا ناھايىتى جىددىي مۇنازىرە قوزغىدى. بۇ ھەقتە يېزىلغان ئوبزورلار، كوممۇنىست پارتىيە تېخىمۇ تەلۋىلەشتى، ئەمدى ئۆزىگە نارازىلىق ئىپادىلىگەن خەلقنى، دۆلەتكە ئۆچمەنلىك قىلدى دەپ تۆھمەت چاپلاپ رەھىمسىز جازالىماقچى بولۇۋاتىدۇ، دەپ كۆرسەتتى.