ئوچۇق خەتتە مۇنداق بايانلار بېرىلدى: «2-فېۋرال كۈنى بېيجىڭ مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىساد پەنلىرى مۇتەخەسسىسى ئىلھام توختى ئەپەندى ئامېرىكىغا كېلىش سەپىرىدىن توسۇپ قېلىندى. ئۇ بېيجىڭ ئايرودرومىدا قىزىدىن ئايرىۋېتىلىپ ئايرىم ئۆيدە سوراق قىلىندى. گەرچە قىزىنىڭ كېيىنكى نۆۋەتلىك ئايروپىلاندا ئامېرىكىغا كېلىشىگە رۇخسەت قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ئىلھام توختى ئەپەندى 10 سائەتتىن ئارتۇق سوراق قىلىنغاندىن كېيىن، بېيجىڭدىكى ئۆيىگە قايتۇرۇلدى. لېكىن دائىرىلەر بۇ ھەقتە ھېچقانداق چۈشەندۈرۈش بەرمىدى. شۇڭا خەتەر ئاستىدىكى مۇتەخەسسىسلەر تورى تەشكىلاتىمىز خىتاي ھۆكۈمىتىدىن بۇ ئەھۋالنى تەكشۈرۈشنى ھەم ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ چېگرادىن چىقىشىنى چەكلەشتىكى سەۋەب ھەققىدە ئاشكارا چۈشەندۈرۈش بېرىشىنى تەلەپ قىلىمىز. ئەگەر ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ چەكلىمىسى بولمىسا ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ چېگرادىن چىقىشىنى تەستىقلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.»
ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدىكى تەتقىقاتلىرى ۋە بايانلىرى بىلەن خەلقئارادا تونۇلغان تەتقىقاتچى ئىلھام توختى ئەپەندى، 2-فېۋرال كۈنى ئامېرىكىنىڭ ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىغا كېلىش سەپىرىدىن خىتاينىڭ دۆلەت ئامانلىق قوغداش خادىملىرى تەرىپىدىن توسۇپ قېلىنغان ئىدى. ئىككى ھەپتىدىن بۇيان كۆپلىگەن خەلقئارا مەتبۇئاتلار ئىلھام توختى ئەپەندى ھەققىدە خەۋەر بەردى. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بولسا ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىغا دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.