خىتاي دائىرىلىرى شى جىنپىڭ ھەققىدە ھازىرغىچە ئۇچۇر بەرمىدى
2012.09.12
شى جىنپىڭ 1 - سېنتەبىردىن بۇيان خىتاي دۆلەت تېلېۋىزىيىسى ۋە باشقا سورۇنلاردا كۆزگە چېلىقمىغان. ھەتتا بەزى خىتاي تور بەتلىرىدە شى جىنپىڭنىڭ قەستكە ئۇچرىغان بولۇشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە سۆز - چۆچەكلەر تارالغان.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى چارشەنبە كۈنىمۇ شى جىنپىڭ ھەققىدە ئورىغان سۇاللاررنى رەت قىلغان.
خىتاي تاشقى ئىشلار بايانچىسى خوڭ لېي چارشەنبە كۈنى شى جىنپىڭنىڭ سالامەتلىكى ھەققىدە سورىغان سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ: مەندە بۇنىڭغا ئائىت ھېچقانداق ئۇچۇر يوق، دېگەن.
چارشەنبە كۈنى خىتاي ئاخباراتلىرىدا خىتاي يۇقىرى دەرىجىلىك ئەلەمدارلىرى كۆرسىتىلگەندىمۇ شى جىنپىڭ يەنە كۆرۈنمىگەن.
رويتېرستا نەقىل قىلىشىچە، بۇ ھەقتە توختالغان كالىفورنىيىگە جايلاشقان مېكېننا ئىنستىتۇتىدىكى پروفېسسور پېي مىنشىن: چوقۇم بىر ئىش چىققان گەپ. جىسمانىي جەھەتتە چاتاق چىقمىغان بولسىلا ئۇلار ئۇنى بۇ چاققا تېلېۋىزورغا چىقىرىپ بولغان بولاتتى، دېگەن.
ئەمما ئۇ، شى جىنپىڭنىڭ سىياسىي ئاۋارىچىلىككە يولۇققانلىقىنى رەت قىلغان.
ھالبۇكى، كېلەر نۆۋەتلىك خىتاي رەئىسى بولىدىغانلىقى پەرەز قىلىنىۋاتقان شى جىنپىڭ قۇرۇلتاي باشلىنىشتىن بىر نەچچە ھەپتە بۇرۇنلا تۇيۇقسىز غايىب بولۇشى خەلقئارا ئاخبارات ساھەسىدە ھەر خىل گۇمانلارغا سەۋەب بولماقتا.