خېللارى كلىنتون ئافرىقىدىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇردى
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2009.08.16
2009.08.16
ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خېللارى خانىم ئۆزىنىڭ بۇ قېتىملىق زىيارىتىگە يۇقىرى باھا بېرىپ، " بۇ بىر قېتىملىق مۇھىم زىيارەت" دەپ كۆرسەتكەن شۇنىڭدەك يەنە ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ ھۆكۈمەتلىرى بىلەن تېخىمۇ قويۇق مۇناسىۋەت ئورنىتىپلا قالماستىن بەلكى، ئافرىقا خەلقلىرى بىلەنمۇ قويۇق - سەمىمىي مۇناسىۋەتلەرنى راۋاجلاندۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
بۇ قېتىم خېللارى كلىنتون كېنىيە، جەنۇبىي ئافرىقا، ئانگولا، كوڭگو، نىگېرىيە ۋە لىۋىيىدىن ئىبارەت يەتتە دۆلەتنى زىيارەت قىلىپ، بۇ دۆلەتلەرنىڭ پرېزىدېنتلىرى ۋە باش مىنىستىرلىرى بىلەن كۆرۈشكەن. ئۇ ئانگولا، زىمبابۇۋى قاتارلىق ئەللەردە دېموكراتىك سايلام ۋە دېموكراتىك ئىسلاھاتنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن ئاساس سېلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
بۇ قېتىم خېللارى خانىم يەنە 8 سانائەت دۆلىتىنىڭ 20 مىليارد دوللارلىق ئاشلىق بىخەتەرلىك سوممىسى تەستىقلاپ، ئافرىقا قاتارلىق دۆلەتلەردىكى دېھقانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىش ۋە ئاچارچىلىقنى يوقىتىش مەسىلىسىدىمۇ سۆھبەتلەشكەن ئىكەن.
خېللارى خانىمدىن ئىلگىرى ئالدىنقى ئايدا پرېزىدېنت ئوباما ئافرىقىدىكى بىر قانچە دۆلەتنى زىيارەت قىلغان ئىدى.