«مائارىپ ساھەسىدە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمەت يىغىنى» قەشقەردە ئېچىلدى

خىتاينىڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ« مائارىپ ساھەسى بويىچە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمەت يىغىنى» 14 - 15 - ئىيۇن كۈنلىرى قەشقەردە ئېچىلدى.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2012.06.17


بۇ تېخى يېقىندا بېيجىڭدا ئېچىلغان «شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمەت يىغىنى» نىڭ داۋامى بولۇپ، خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ 3 - قېتىملىق خىزمەت يىغىنىغا خۇ جىنتاۋ، شى جىنپىڭ، ۋېن جاباۋ ۋە باشقا دۆلەت رەھبەرلىرى قاتنىشىپ سۆز قىلغان ھەمدە بىر قاتار ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى ئېلىپ بارغان ئىدى.

شىنجاڭ گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، «مائارىپ ساھەسى بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمەت يىغىنى» غا خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى قاتنىشىپ سۆز قىلغان شۇنىڭدەك يىغىندا بەش يىللىق مائارىپ ساھەسىدىكى ھەرىكەت پىلانى بېكىتىلگەن.

يىغىن قوش تىللىق مائارىپنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنى تەكىتلىگەن ھەمدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ۋە بىڭتۈئەن مائارىپ ئىدارىسى 19 ئۆلكىنىڭ مائارىپ نازارەت ۋە ئىدارىلىرى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئوتتۇرا دەرىجىلىك مائارىپىنى ئورتاق راۋاجلاندۇرۇش كېلىشىمى تۈزگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، قوش تىللىق مائارىپ نامى ئاستىدىكى خىتاي تىللىق مائارىپى ھازىر ئۇيغۇر ئېلى مىقياسىدا تېز سۈرئەتتە راۋاجلىنىۋاتقان بولۇپ، ئۇيغۇر تىلى مائارىپ ساھەسىدىن ئاساسەن دېگۈدەك چەتكە چىقىرىلماقتا. ئۇيغۇر تىلىنىڭ مائارىپ ساھەسىدىن سىقىپ چىقىرىلىشى ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئاسسىمىلياتسىيە قەدىمىنى تېزلىتىشنىڭ ئىپادىسى دەپ قارالماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.