بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىدىكى خرىستىئان دىنى جەمئىيىتى «خىتايغا ياردەم» تەشكىلاتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، مەزكۇر يەر ئاستى چېركاۋنىڭ پوپى شەنبە كۈنى ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن.
خەۋەردە ئىككى نەپەر خرىستىئان دىنىي رەھبىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئېيتىلغان ھەم ھازىرغىچە ئۇلارنىڭ ئىز دېرىكى بولمىغان.
خرىستىئان دىنىي مۇرىتلىرىنى تۇتقۇن قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ يەر ئاستى دىنىي پائالىيەتلىرىنى چەكلەش يېقىندىن بۇيان كۈچەيگەن بولۇپ، بۇ بىر قاتار مەسىلىلەردە ۋاتىكان دىنىي رەھبەرلىرى خىتاينىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە دەخلى-تەرز قىلىۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلغان ئىدى.