خىتاي، 83 كىشىنى رەسمىي قولغا ئالغانلىقىنى جاكارلىدى

خىتاي دائىرىلىرى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە 83 كىشى ئۈستىدىن دېلو تۇرغۇزۇپ رەسمىي قولغا ئالغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۈرۈمچى ساقچى دائىرىلىرى بۇ كىشىلەرنى 5 - ئىيۇل كۈنى ۋەقەسىدە "ئادەم ئۆلتۈرۈش، قەستەن ئادەم يارىلاندۇرۇش، ئوت قويۇش ۋە بۇلاش " قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن جازالايدىكەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ۋەقە ھەققىدىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۈرۈمچى ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى يەنە، ئۆزلىرىنىڭ ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك 2169 پارچە رەسىم ۋە 91 سىنئالغۇ كۆرۈنۈشىنى قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى بايان قىلغان.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىلگىرى - ئاخىرى بولۇپ ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلىرى بويىچە ھېسابلىغاندا، ۋەقەدە قولغا ئېلىنغانلارنىڭ سانى 2000 دىن ئاشماقتا. ئەمما ۋەقەدىن خەۋەردار كىشىلەر ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى قولغا ئېلىنغان ۋە ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ بۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە كۆپلۈكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.