بىرقانچە ئاينىڭ ئالدىدا چەتئەلدىكى مەلۇم ئىنسان ھەقلىرى جەمىيىتى گاۋ جىشېڭنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا قاماقتا ئىكەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇرغا ئىگە بولغان. ئەمما، بۇ چۇرنىڭ توغرا ياكى خاتالىقى ھەققىدە خىتاي دائىرىلىرى ھەر قېتىم جاۋاب بېرىشنى رەت قىلىپ كەلگەن؛ بۇنىڭ بىلەن غايىپ ئادۋوكات گاۋ جىشېڭنىڭ ئىز - دېرېكسىزلىك مەسىلىسى سىرلىقلىشىپ، خەلقئارا ئاخباراتلارنىڭ دىققەت نۇقتىسىغا ئايلانغان ئىدى.
بۈگۈن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جىئېچى ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى داۋىد مىلىبان بىلەن ئۆتكۈزگەن قوشما ئاخبارات يىغىنىدا گاۋ جىشېڭنىڭ ئەھۋالى ھەققىدىكى سوئالغا جاۋاب بېرىپ، گاۋ جىشېڭنىڭ دۆلەتنى ئاغدۇرۇش جىنايىتى بىلەن كېسىلگەنلىكىنى، ۋە ئۇنىڭ تېگىشلىك ھەق - ھوقۇقلىرىنىڭ كاپالەت ئاستىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئەمما بۇ جاۋاب گاۋ جىشېڭنىڭ ئەھۋالىنى تېخىمۇ سىرلىقلاشتۇرىۋەتكەن. چۈنكى ئۇ 2006 - يىلى دۆلەتنى ئاغدۇرۇش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ 3 يىل كېسىلگەن ؛ ئارقىدىن بۇ ھۆكۈم ئىناۋەتسىز قىلىنىپ، 5 يىل تۈرمە سىرتىدا نەزەربەند ئاستىدا تۇتۇش چارىسى كۆرۈلگەن.
چەتئەل مۇخبىرلىرى گاۋ جىشېڭ ھەققىدە دېيىلگەن جازانىڭ بۇرۇنقى جازا ياكى يېڭى جازا ئىكەنلىكىنى سۈرۈشتۈرۈپ ھېچقانداق جاۋابقا ئېرىشەلمىگەن. بۈگۈنكى خەۋەرلەردە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ گاۋ جىشېڭ ھەققىدە قارىسىغا جاۋاب بەرگەنلىكى، ئەمەلىيەتتە گاۋ جىشېڭنىڭ نەدىلىكىنى خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك تارماقلاردىن باشقا ھېچكىمنىڭ بىلمەيدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.