خىتاي ئەمەلدارى كابۇلنى زىيارەت قىلدى

خىتاي كومپارتىيىسى سىياسىي بۇيورىسىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرىتارى جوۋ يوڭكاڭ ئافغانىستاننى تۇيۇقسىز زىيارەت قىلغان. ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ يېزىشىچە، جوۋ يوڭكاڭ 22 - سېنتەبىر كۈنى تۇيۇقسىز تۈردە كابۇلغا كەلگەن بولۇپ، ئۇ كابۇل ئايرودرومىدا سۆز قىلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ مەقسەت ۋە تەپسىلاتلىرىنى ئاشكارىلىمىغان.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2012.09.23


خەۋەرلەدىن مەلۇم بولۇشىچە، جوۋ يوڭكاڭ كابۇلدا پەقەت 4 سائەت توختىغان بولۇپ، ئۇ ئافغانىستان پرېزىدېنتى ھامىد كارزاي بىلەن كۆرۈشكەن ھەمدە بىر قانچە بىخەتەرلىك ۋە ئىقتىسادىي كېلىشىملەرنى ئىمزالىغان. ئۇنىڭ ئىمزالىغان بىخەتەرلىك كېلىشىمىنىڭ نېمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى نامەلۇم.

جوۋ يوڭكاڭ يېقىنقى 50 يىل ئىچىدە ئافغانىستاننى زىيارەت قىلغان تۇنجى خىتاي ئالىي دەرىجىلىك رەھبىرى ھېسابلىنىدىكەن. تەھىلچىلەرنىڭ قاراشلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ناتو 2014 - يىلى ئافغانىستاندىن قوشۇن چېكىندۈرىدۇ، خىتاي ھازىر ئافغانىستاندا ئوز تەسىرىنى تىكلەشكە تىرىشماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.