خىتاي ئالىي سوت مەھكىمىسى قەشقەر ئوتتۇرا سوتنى مۇكاپاتلىدى

خىتاي ئالىي سوت مەھكىمىسى قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسىنى كوللېكتىپ بىرىنچى دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتتى دەپ تىزىمغا ئالدى ۋە تەقدىرلىدى، شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ئالىي سوتىنىڭ مەخسۇس ۋەكىلى جوئۇزېمىن ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى سوت باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي - قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرىتارى قاتارلىق بىر قىسىم يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار قەشقەرگە كېلىپ، تەقدىرلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯜﻣﯩﺪﯞﺍﺭ
2009.06.07

5 - ئىيۇن كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن بۇ پائالىيەتتە سۆز قىلغان خىتاي ئالىي سوت پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي باشقارما باشلىقى جوئۇزېمىن قەشقەر ئوتتۇرا سوتىنىڭ خىزمەت نەتىجىلىرىگە يۇقىرى باھا بەرگەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرىتارى بولسا، ئۆزىنىڭ قەشقەر سوتىغا بەرگەن باھاسىدا " ھەر دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرىنىڭ مۇقىملىقنى كۈچەيتىشكە ھەسسە قوشۇشىنى، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمىتىنىڭ تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك ئورنىغا قويۇپ، ' ئۈچ خىل كۈچلەر' قاتارلىقلارغا قاتتىق زەربە بېرىشىنى" تەلەپ قىلدى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى سوت مەھكىمىسى ھەر قايسى سوت مەھكىمىلىرىنىڭ قەشقەر ئوتتۇرا سوتىدىن ئۆگىنىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنىنى قارار قىلغان.

ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر نەپەر قانۇن خادىمىنىڭ ئېيتىشىچە، قەشقەر قاتارلىق ئۇيغۇرلار كۆپ جايلاردىكى سوت مەھكىمىلىرى ئەزەلدىن سىياسىي ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللانغانلارنى قاتتىق جازالاش پوزىتسىيىسى تۇتۇپ كەلگەن بولۇپ، قەشقەر ئوتتۇرا سوتى بېيجىڭ ئولىمپىكى ھارپىسىدا يۈز بەرگەن بىر قاتار ۋەقەلەرگە نىسبەتەن قاتتىق جازالاش ھۆكۈملىرى چىقارغان بولۇپ، بۇ قەشقەر سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت كۆرسىتىشىگە شارائىت ياراتقان ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.