ئامېرىكا كېلەر ئايدا خىتاي بىلەن ئالىي دەرىجىلىك دىئالوگ ئېلىپ بارماقچى

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكىدىن ئىبارەت دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تەرەققى قىلغان دۆلەت خىتايدىن ئىبارەت دۇنيادىكى تەرەققى قىلىۋاتقان ئەڭ چوڭ دۆلەت بىلەن كېلەر ئايدا كەڭ دائىرىلىك سۆھبەت ئېلىپ بارماقچى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2010-03-03
Share

ئوبامانىڭ ئالاھىدە ۋەكىللىرى جەمىس ستېينبېرگ، جېرى بادېرلار بىلەن خۇ جىنتاۋنىڭ ئالاھىدە ۋەكىللىرى ھازىر بېيجىڭدا 2010 ‏ - يىللىق دىئالوگ ھەققىدە سۆزلىشىۋاتىدۇ. بۇ دىئالوگدا ئىراننى جازالاش مەسىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇھىم مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى پىلىپس كروۋلىنىڭ ئېيتىشىچە، يېقىندىن بۇيان ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتە تىبەت، تەيۋەن مەسىلىلىرى ۋە ئىنتېرنېت مەسىلىسى تۈپەيلىدىن جىددىي تالاش - تارتىش كېلىپ چىققان ئىدى. ئىراننى جازالاش مەسىلىسىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا رەت قىلىش ھوقۇقىنى قوللىنىپ كېلىۋاتقان خىتاي دەل مۇشۇ كۈنلەردە، ئامېرىكا بىلەن 'ئىستراتېگىيىلىك ئىقتىسادىي دىئالوگ ' ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.