ئوبامانىڭ ئالاھىدە ۋەكىللىرى جەمىس ستېينبېرگ، جېرى بادېرلار بىلەن خۇ جىنتاۋنىڭ ئالاھىدە ۋەكىللىرى ھازىر بېيجىڭدا 2010 - يىللىق دىئالوگ ھەققىدە سۆزلىشىۋاتىدۇ. بۇ دىئالوگدا ئىراننى جازالاش مەسىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇھىم مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى پىلىپس كروۋلىنىڭ ئېيتىشىچە، يېقىندىن بۇيان ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتە تىبەت، تەيۋەن مەسىلىلىرى ۋە ئىنتېرنېت مەسىلىسى تۈپەيلىدىن جىددىي تالاش - تارتىش كېلىپ چىققان ئىدى. ئىراننى جازالاش مەسىلىسىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا رەت قىلىش ھوقۇقىنى قوللىنىپ كېلىۋاتقان خىتاي دەل مۇشۇ كۈنلەردە، ئامېرىكا بىلەن 'ئىستراتېگىيىلىك ئىقتىسادىي دىئالوگ ' ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.