ئامېرىكا كارخانىچىلىرى بۇش ھۆكۈمىتىدىن خىتايدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان ماللارغا قارىتا چەكلىمە قويۇشنى تەلەپ قىلدى

تۈنۈگۈن يەنى سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى 73 نەپەر پالاتا ئەزاسى ئامېرىكىدىكى بىر تۈركۈم كارخانىچىلارنىڭ تەلىپىگە بىنائەن، بۇش ھۆكۈمىتىگە تەكلىپ سۇنۇپ، خىتايدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم - كېچەك تۈردىكى ماللارغا قارىتا چەكلىمىنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلدى.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2008.10.01

ئامېرىكا - خىتاي ئارىسىدىكى ئىمپورت - ئېكسپورت مىقدارى ھەققىدىكى كېلىشىم 2005 ‏ - يىلى تۈزۈلگەن. كېلىشىم بويىچە، ئېكىسپورت - ئىمپورت مىقدارى ۋە تۈرى بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا قايتىدىن بېكىتىلىدۇ.

بۇش ھۆكۈمىتىگە سۇنۇلغان تەكلىپتە، يىللاردىن بېرى خىتاينىڭ سۈپەتسىز ماللارنى ھەتتا بىر قىسىم زەھەرلىك ماللارنى ئېكسپورت قىلىپ، ئامېرىكا ئىستىمالچىلىرىنى زىيانغا ئۇچراتقانلىقى، بولۇپمۇ سۈپەتسىز ماللىرىنىڭ تۆۋەن تەننەرقى بىلەن ئامېرىكا بازىرىدا ئۈستۈنلۈك قازانغانلىقىنى، مالنىڭ سۈپىتىگە ئەھمىيەت بەرگەن ۋە قانۇنغا رىئايە قىلغان ئامېرىكا كارخانىچىلىرىنىڭ سودىدا زىيان تارتىپ كېلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

تەكلىپتە، خىتاينىڭ بىر تۈركۈم توقۇمچىلىق ۋە كىيىم - كېچەك تۈردىكى ماللىرىنى ئىمپورت قىلىشنى بىكار قىلىشنى ۋە ياكى ئىمپورت مىقدارىنى ئازايتىشنى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، سۈپەت ئۆلچىمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ نازارەتنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلدى.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.