دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ ئاقسۇدىكى ئالاقىدار مەنبەلەردىن ئىگىلىشىچە، ئاقسۇ شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى ئالدىنقى كۈنى مەخسۇس ئېلان چىقىرىپ، مەزكۇر تەشۋىقات ۋاراقلىرىنى تارقاتقۇچىلارنى پاش قىلغۇچىغا 100 مىڭ يۈەن مۇكاپات بېرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.
دىلشات رىشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر تەشۋىقات ۋاراقلىرىدا يەنە ئۇيغۇرلار بىرلىك-ئىتتىپاقلىققا چاقىرىلغان، شۇنداقلا خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇرلايدىغان قارشىلىق ھەرىكەتلىرىگە چاقىرىلغان ئىدى. مەلۇم بولۇشىچە، ئوخشاش مەزمۇندىكى تەشۋىقات ۋاراقلىرى ئالدىنقى ئايدا خوتەن شەھىرى ۋە قەشقەرنىڭ توققۇزاق ناھىيىسىدىمۇ تارقىتىلغان.
مەزكۇر تەشۋىقات ۋاراقلىرى تارقىلىپ ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەيلا، خوتەندە ناۋاغ ۋەقەسى ۋە قەشقەردە يېڭىبازار ۋەقەسىنىڭ يۈز بېرىشى خىتاي دائىرىلىرىنى ئەندىشىگە سالغان.
ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر، مەزكۇر تەشۋىقات ۋاراقلىرىنى تارقاتقۇچىلارنىڭ تا ھازىرغىچە تۇتۇلماسلىقىنى مىللىي مۇستەقىللىق تەلىپىنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى ئاممىۋى ئاساسىنىڭ كەڭلىكىنىڭ يەنە بىر ئىپادىسى دەپ قاراشماقتا.