خىتايدا پەرزەنتلەر ئاتا - ئانىلىرىنى يوقلاشقا مەجبۇرلىنىدىغان قانۇن ماقۇللاندى
مۇخبىرىمىز جۈمە
2012.12.29
2012.12.29
قانۇن بويىچە ئاتا - ئانىلار ئۆزلىرىنى يوقلاپ بارمىغان پەرزەنتلەرنى سوتقا ئەرز قىلسا بولىدىكەن.
قانۇندا ئاتا - ئانىسىنى يىلدا قانچە قېتىم يوقلاش شەرتلىكى كۆرسىتىلمىگەن بولمىسىمۇ، ئەمما ياشانغان ئاتا - ئانىسىنى تاشلىۋەتكەن پەرزەنتلەرنىڭ جازاغا تارتىلىدىغانلىقى ئېنىق بەلگىلەنگەن.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتايدا كۆپلىگەن ياشانغان ئاتا - ئانىلارنى تاشلىۋېتىدىغان ياكى خورلايدىغان ئەھۋال كۆپىيىشكە باشلىغان.
سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە خىتايدا 60 ياشتىن ئاشقان ئادەم 167 مىليونغا، 80 ياشتىن ئاشقان ئادەم 1 مىليونغا يېتىدىكەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئىنتايىن ئاز بىر قىسمى پەرزەنتلىرىنىڭ كۆيۈنۈشىگە ئېرىشەلەيدىكەن. قالغانلىرى ئۆز جېنىنى ئۆزى بېقىشقا ياكى خورلىنىشقا مەجبۇر ئىكەن.