خىتاي ئاخباراتى ئۇيغۇر ئېلىدە ئايروپىلان گۆرۈگە ئېلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ ئەمەلگە ئاشمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى

خىتاي ھۆكۈمەت ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 29-ئىيۇن تيەنجىن ھاۋا يوللىرىنىڭ خوتەندىن ئۈرۈمچىگە قاراپ ئۇچقان بىر يولۇچىلار ئايروپىلانىنى گۆرۈگە ئېلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ ئەمەلگە ئاشمىغان.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2012.06.29

خەۋەردە ئايروپىلان خوتەن ئايرودرومىدىن قوزغىلىپ ئون مىنۇتتىن كېيىن، 6 نەپەر يولۇچىنىڭ ئايروپىلاننى گۆرۈگە ئېلىشقا ئۇرۇنغانلىقى، بىراق ئايروپىلان خادىملىرى ۋە يولۇچىلار تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلۇپ، ئايروپىلاننىڭ ساق-سالامەت خوتەن ئايرودرومىغا قايتىپ چۈشكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى خۇ خەنمىن، فرانسىيە ئاگېنتلىقىغا مۇخبىرىغا ئايروپىلاننى گۆرۈگە ئالماقچى بولغانلارنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

دائىرىلەر مەزكۇر ۋەقەنى «زوراۋان تېررورلۇق قىلمىش» دەپ بېكىتىپ، مۇسا يۈسۈپ، ئابابەكرى ئىبراھىم، مەمەت ئېلى يۈسۈپ، ياسىن مەمەت قاتارلىق 6 ئىسمىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئۇلار قوللانغان ئەسۋابلارنى ئايروپىلانغا قانداق ئېلىپ چىققانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمىگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى شۇ كۈنى دەرھال بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ۋەقەنى بۇرمىلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋەقە ئايروپىلاندىكى ئۇيغۇر يولۇچىلار بىلەن خىتاي يولۇچىلارنىڭ ئۆز ئارا ئورۇندۇق تالىشىپ يۈز بەرگەن ماجىرادىن كېلىپ چىققان.

بىراق خىتاي دائىرىلىرى گۆرۈگە ئالغۇچىلارنىڭ ئۇچقۇچى كابىنكىسىغا كىرىشكە ئۇرۇنغان بولسىمۇ، لېكىن ئىشىكنى ئاچالمىغانلىقى، ئايروپىلاندىكى يولۇچىلاردىن ئاز دېگەندە 4 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

مەزكۇر ۋەقە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ «5-ئىيۇل ۋەقەسى» نىڭ 3 يىللىقى يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن ئۇيغۇر ئېلىدە ئامانلىق تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىپ، كەڭ كۆلەملىك تازىلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان، تاسادىپىي ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان بىر مەزگىلدە يۈز بېرىپ، كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.