شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بېيجىڭ خەلقئارالىق ئايرودرومدىكى چارلاش خىزمىتى كۈچەيتىلگەن، بىخەتەرلىك كامېرالىرى قايتا كۆزدىن كەچۈرۈلۈپ تولۇقلاش ئېلىپ بېرىلغان، بومبا بايقاش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ئاپشاركىلار كۆپەيتىلگەن. خەۋەرلەردە بايان قىلىنىشىچە، بېيجىڭ خەلقئارالىق ئايرودرومى دۇنيادىكى قاتناش سىجىللىقى يۈكسەك بولغان ئايرودروملارنىڭ بىرى، ئۇنىڭ ئۈستىگە 3 - فېۋرال كۈنى خىتاينىڭ چاغان بايرىمى؛ شۇڭا بېيجىڭ خەلقئارالىق ئايرودرومنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسى خىتاينى تۈنۈگۈنكى موسكۋادىكى پارتلاشتىن كېيىن جىددىي ئەندىشىگە سالغان. موسكۋادىكى پارتلاش دومودېدوۋو خەلقئارالىق ئايرودرومدا يۈز بەرگەن.
ھۇجۇمچىلار ھەققىدىكى بەزى خەۋەرلەردە ئوتتۇرا شەرقلىق سىياقىدىكى بىر كىشى دەپ بىلدۈرۈلسە، بەزى خەۋەرلەردە كافكاسىيالىق پىدائىيلار دەپ كۆرسىتىلمەكتە. ھۇجۇمنىڭ شەكلى ھەققىدە بەزى مەنبەلەر يىراقتىن باشقۇرۇلىدىغان بومبا قوللىنىلغانلىقىنى پەرەز قىلسا، يەنە بەزى مەنبەلەر ھۇجۇمچىنىڭ نەق مەيداندا ئۆزىنى پارتلىتىشنىڭ ئالدىدا ئەتراپتىكى كىشىلەرگە ۋارقىراپ خىتاب قىلغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.
رۇسىيىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك تارماقلىرى، يېقىندىن بۇيان دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ سانىنى قىسقارتىۋەتكەنلىكىنى بايان قىلىپ، بۇنى ۋەقەنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئاجىزلىق قىلىشىنىڭ سەۋەبلىرى قاتارىدا كۆرسەتكەن. ئەمما، بەزى كۆزەتكۈچىلەر بولسا تېررورلۇقنىڭ ئاجىزلارنىڭ كۈچلۈك قورالى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، رۇسىيە چېچەن مەسىلىسىنى ھەل قىلماي تۇرۇپ، بۇ تۈر ۋەقەلەردىن ساقلىنالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.