خىتاينىڭ «J-20» تىپلىق كۆرۈنمەس ئايروپىلانىنىڭ تېخنىكىسى ئامېرىكىدىن كەلگەن

يېقىندا خىتاي ئۆزىنىڭ تۇنجى راداردا كۆرۈنمەس ئايروپىلانى «J-20» نى ياساپ چىقىپ، سىناق قىلغاندىن كېيىن ئامېرىكا قاتارلىق خەلقئارا جەمئىيەت خىتاينىڭ ھەربىي تېخنىكا تەرەققىياتىدىن ھەيرانلىق ھېس قىلغان ۋە خىتاينىڭ يوشۇرۇن ھەربىي تەھدىت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

خىتاينىڭ مەزكۇر تېخنىكىنى قانداق ئىگىلىگەنلىكى كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرماقتا ئىدى.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقى بىر نەپەر ئامېرىكا گېنېرالىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، خىتاينىڭ بۇ ئايروپىلاننى ياساشتا ئامېرىكىنىڭ 1999-يىلى، كوسوۋو ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىلگەن «117-F» ناملىق كۆرۈنمەس ئايروپىلاننىڭ قالدۇقلىرىنى ئىزدەپ تېپىپ، مۇناسىۋەتلىك تېخنىكىلارغا ئېرىشىپ، ئاخىرى ئۆزىنىڭ مەزكۇر ئايروپىلانىنى ياساپ چىققانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر راداردا كۆرۈنمەس ئايروپىلانىنى 1999-يىلى، 27-مارت كۈنى سېربىيىلىكلەر سوۋېت ئىتتىپاقىدا ياسالغان «SA3» تىپلىق راكېتا بىلەن ئېتىپ چۈشۈرۈۋەتكەن بولۇپ ، ئۇچقۇچى پاراشۇت بىلەن سەكرەپ ساق قالغان. خىتاي ھەربىي بىخەتەرلىك تەرەپلىرى سېربىيىدە ئايروپىلان چۈشۈپ كەتكەن جايغا بېرىپ، يەرلىك ئادەملەردىن ئايروپىلاننىڭ قالدۇقلىرىنى سېتىۋېلىپ ئېلىپ كەتكەن.

بۇ قالدۇقلارنىڭ بىر قىسمى ھازىر بېلگرادتا كۆرگەزمىگە قويۇلغان.