خەلقئارا راي سىناش نەتىجىسىدىن قارىغاندا خىتاينىڭ باش كۆتۈرۈشى 'ياخشى ئىش ئەمەس'

ئامېرىكا پيېۋ راي سىناش مەركىزىنىڭ يېقىندا ئېلىپ بارغان خەلقئارا راي سىناش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ياپونىيە، فرانسىيە قاتارلىق ئىتتىپاقداشلىرى خىتاينىڭ ئىقتىسادى ھەم ھەربىي جەھەتتىن كۈچىيىشىنىڭ ئەندىشە قوزغايدىغان مەسىلە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

راي سىناش پائالىيىتىگە قاتناشقان 88% ياپونىيىلىك، 87% فرانسىيىلىك، 86% جەنۇبىي كورىيىلىك، 79% ئامېرىكىلىق ۋە 72% گېرمانىيىلىك خىتاينىڭ ھەربىي جەھەتتىن كۈچىيىشىنى "ياخشى ئىش ئەمەس" دەپ قارىغان.

خىتاي ئىقتىسادىنىڭ كۈچىيىشىدىن ئەنسىرەيدىغان كىشىلەر ئىچىدە فرانسىيىلىكلەرنىڭ نىسبىتى ئەڭ كۆپ بولۇپ، 67% نى ئىگىلىگەن. ئۇنىڭدىن قالسا تەرتىپ بويىچە گېرمانىيە، ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە ئەڭ كۆپ ئەنسىرەيدىغان دۆلەتلەردىن ئىكەن. لېكىن خىتاي ئافرىقىدا قارشى ئېلىنىدىغان دۆلەت بولۇپ، كېنىيە ۋە نېگىرىيىلىكلەرنىڭ 90% ى خىتاينىڭ باش كۆتۈرۈشىگە ئىجابىي قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

راي سىناش نەتىجىسىدىن يەنە، ھىندىستانلىقلارنىڭ 44% ى خىتاينى "دۈشمەن" دەپ قارايدىغانلىقى، لېكىن پاكىستان بىلەن كېنىيىلىكلەرنىڭ 84% ى خىتاينى ئۆزىنىڭ شېرىكى ھېسابلايدىغانلىقى مەلۇم بولغان.

بۇ خۇلاسە بۇ يىل 4‏- ئاينىڭ 7 ‏- كۈنىدىن 5 ‏- ئاينىڭ 8 ‏- كۈنىگىچە ھەر قايسى ئەللەردىكى 24 مىڭ ئادەم ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشكە ئاساسەن چىقىرىلغان.