خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى مۇقىملىق ئۈچۈن 500 نەپەر باياناتچى تەربىيىلىدى

خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى تور بېتىدىن ئاشكارىلىنشىچە، مەزكۇر مىنىستىرلىقنىڭ پۈتۈن مەملىكەت بويىچە جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرى ئاخبارات باياناتچىلىرىنى تەربىيىلەش كۇرسى 30 - ئىيۇل تاماملانغان بولۇپ، مەزكۇر كۇرستا 500 نەپەر جامائەت خەۋپسىزلىك خادىمى مەخسۇس ئاخبارات ئورۇنلىرىغا بايانات بېرىش، مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىش جەھەتتە سىياسىي ئىسىتراتېگىيىلىك ئۇچۇر تېخنىكىسى تەربىيىلىرىنى ئالغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ
2009.08.04
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

خەۋەردە خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرى مېڭ جيەنجۇنىڭ كۇرسسانتلارغا قىلغان سۆزىنى نەقىل ئېلىشىچە، نۆۋەتتىكى ئۇچۇر ھەم ئاخبارات دەۋرىدە، تۈرلۈك خىرسقا ئۇچراۋاتقان مۇقىملىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرى، جەمئىيەت ۋە ئامما بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى سەۋىيە، ئىلغار سىياسىي ساپا ھەم ئىسىتراتېگىيىلىك جەمئىيەت باشقۇرۇش ساپاسىغا ئىگە،ئىنتىزامچان، ئاخبارات ئىگىلەش ھەم تارقىتىش خادىملىرىغا مۇھتاج بولماقتا ئىكەن.

مېڭ جيەنجۇ يېڭى تەربىيىلەنگەن بۇ باياناتچىلاردىن ئۆز ئورۇنلىرىغا قايتىپ بارغاندىن كېيىن، جايلاردا يۈز بەرگەن پارتلاش خاراكتېرلىك ۋەقەلەردە ۋەزىيەتنى كونترول قىلىش، پارتىيە‏ - ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتىگە ماسلىشىپ، ھەر قانداق مەسىلىدە سىياسىي سەرگۈرلۈك بىلەن ئىش كۆرۈپ، ئۇچۇر ئاخبارات ساھەسىدىكى مۇقىملىقنى قوغداشنى ئۆزىنىڭ بىرىنچى ۋەزىپىسى دەپ خىزمەت قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

خىتاي دائىرىلىرى نۆۋەتتە كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ جۇمھۇرىيەت قۇرغان 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش جەريانىدا ھەر قانداق قالايمىقانچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھەر تەرەپلىمە قاتتىق تەييارلىق كۆرمەكتە شۇنداقلا ئۇيغۇر ھەم تىبەت رايونلىرىدىكى كونتروللۇقىنى بارغانچە كۈچەيتمەكتە.

خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرى مېڭ جيەنجۇ بۇنىڭ ئالدىدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي قوراللىق ساقچى ھەم ھەربىي قىسىملىرىنى مەخسۇس زىيارەت قىلىپ، 5 - ئىيۇل ۋەقەسى جىنايەتچىلىرىنى ئىز قوغلاپ تۇتۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.