خىتاي كومپارتىيىسى 'مىللى بۆلگۈنچىلىك'نى باستۇرىدىغانلىقى توغرىسىدا جار سالدى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2009.09.18
2009.09.18
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ كومپارتىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دائىرىلەر بۇ ھەقتىكى ئاگاھلاندۇرۇشنى خىتاي كومپارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ جۈمە كۈنى ئاخىرلىشىدىغان ئاخىرقى كۈنلۈك يىغىنىنىڭ باياناتىدا ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، "مىللىي بۆلگۈنچىلىك پائالىيەتلەرگە قەتئىي زەربە بېرىش، ئۇنىڭغا قارشى ئۈنۈملىك تەدبىر ئېلىش، سوتسىيالىستىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتىدىكى تەڭ باراۋەرلىك، ئىتتىپاقلىق، ئۆز - ئارا ئىناقلىقنى تەرەققى قىلدۇرۇش ۋە ئالغا سۈرۈش"نى تەكىتلىگەن.
ئانالىزچىلار، خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك يىغىنىدا 5 - ئىيۇلدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسى مەركەزلىك مۇزاكىرە قىلىنىدىغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ۋەقەدە ئاز كەم 200 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، ئۆلگەنلەرنىڭ كۆپ قىسىمى خىتايلار ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان. لېكىن چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى 10 مىڭ ئۇيغۇرنىڭ ئىز - دېرەكسىز يوقالغانلىقىنى، يەنە بەزى غەيرى رەسمىي مەلۇماتلاردا ئىز - دېرەكسىز يوقالغانلارنىڭ 23 مىڭغا يېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
بۇ قېتىمقى يىغىن ئېچىلىشتىن سەل بۇرۇن، ئۈرۈمچىدە يىڭنە ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئۈرۈمچى ۋەزىيىتىنى يەنە جىددىيلەشتۈرىۋەتكەن. ئۈرۈمچىدىكى خىتاي ئاھالىسى نامايىش قىلىپ، ۋاڭ لېچۈەننىڭ ئىستىپا بېرىشىنى، قولغا ئېلىنغانلارنى قاتتىق جازالاپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.