خىتاي بېلورۇسىيىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىدە خىتاينى قوللاپ كەلگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىشى يۈزىسىدىن بېلورۇسىيىگە 1 مىليارد دوللار قەرز بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن
مۇخبىرىمىز جۈمە
2011.09.17
2011.09.17
«رئىئانوۋوستى» تورىدا 17-سېنتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ۋەدىلەرنى بېلورۇسىيىدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى رەئىسى ۋۇ باڭگو بەرگەن.
خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن: خىتاينىڭ تەيۋەن، تىبەت، شىنجاڭ ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە بېلورۇسىيىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەنلىكىدىن مىننەتدار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ۋۇ، خىتاينىڭ بېلورۇسىيىنى دائىم قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ياۋروپادا ئىقتىسادىي كرىزىس يۈز بەرگەندىن كېيىن، خىتاي ئۆزىنىڭ تاشقى پېرېۋوت زاپىسىنى كوزىر قىلىپ، بىر قىسىم ئەللەرنىڭ خىتايغا مايىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىۋاتقانلىقى مەلۇم.
ۋۇ باڭگو بېلورۇسىيە پرېزىدېنتى ئالېكساندىر لۇكاشېنكوۋ بىلەنمۇ كۆرۈشىدىكەن. ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك قايسى تېمىلاردا سۆزلەشكەنلىكى ھازىرچە نامەلۇم.