ليۇ شياۋبونىڭ ئايالى ليۇ شيا يولدىشى ئۈستىدىن تېزرەك ھۆكۈم ئېلان قىلىشىنى تەلەپ قىلدى

خىتاي دېموكراتىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ليۇ شياۋبو, بىر يىلدىن بۇيان سوتنىڭ ھۆكۈمىسىز تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ ئايالى دۈشەنبە كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يولدىشى ئۈستىدىن تېزرەك ھۆكۈم ئېلان قىلىشى كېرەكلىكىنى، شۇنداق بولغاندا يولدىشىنى قەرەللىك يوقلاپ تۇرالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2009-12-07
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا نەقىل قىلىنىشىچە، ليۇ شياۋبونىڭ ئايالى ليۇ شيا يولدىشىنى خىتاي ساقچىلىرىنىڭ نازارىتى ئاستىدا بۇ يىل مارتتا كۆرگەنچە، قايتا كۆرەلمىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ليۇ شياۋبو "2008 نىزامنامىسى"گە ئىمزا قويغۇچىلاردىن بىرى ئىدى. "2008 نىزامنامىسى" دە خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيىنى ياقلايدىغان قانۇن ئۆزگەرتىش تەلەپ قىلىنغان بولۇپ، مەزكۇر نىزامنامىگە خىتايدىكى 150 نەپەر نوپۇزلۇق خىتاي زىيالىيسى ئىمزا قويۇپ خىتاي ھۆكۈمىتىگە يوللىغان ئىدى.

مەزكۇر نىزامنامە ئېلان قىلىنىشتىن بىر كۈن ئىلگىرى، يەنى 2008 - يىلى 8 - كۈنى ليۇ شياۋبو ئۆيىدىن ئېلىپ كېتىلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ليۇ شياۋبو بىر نامەلۇم بىر ئورۇندا 6 ئاي تۇتۇپ تۇرۇلغاندىن كېيىن، بۇ يىل ئىيۇندا "دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنۇش" جىنايىتى بىلەن رەسىمىي قولغا ئېلىنغان ئىدى.

ليۇ شياۋبو ئەسلى ئۇنىۋېرسىتېت پروفېسسورى بولۇپ، ئۇ 1989 - يىلىدىكى تىيەنئەنمېن ھەرىكىتىگە قاتناشقان ۋە 20 ئاي تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرۇلغاندىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت