بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا نەقىل قىلىنىشىچە، ليۇ شياۋبونىڭ ئايالى ليۇ شيا يولدىشىنى خىتاي ساقچىلىرىنىڭ نازارىتى ئاستىدا بۇ يىل مارتتا كۆرگەنچە، قايتا كۆرەلمىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ليۇ شياۋبو "2008 نىزامنامىسى"گە ئىمزا قويغۇچىلاردىن بىرى ئىدى. "2008 نىزامنامىسى" دە خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيىنى ياقلايدىغان قانۇن ئۆزگەرتىش تەلەپ قىلىنغان بولۇپ، مەزكۇر نىزامنامىگە خىتايدىكى 150 نەپەر نوپۇزلۇق خىتاي زىيالىيسى ئىمزا قويۇپ خىتاي ھۆكۈمىتىگە يوللىغان ئىدى.
مەزكۇر نىزامنامە ئېلان قىلىنىشتىن بىر كۈن ئىلگىرى، يەنى 2008 - يىلى 8 - كۈنى ليۇ شياۋبو ئۆيىدىن ئېلىپ كېتىلگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ليۇ شياۋبو بىر نامەلۇم بىر ئورۇندا 6 ئاي تۇتۇپ تۇرۇلغاندىن كېيىن، بۇ يىل ئىيۇندا "دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنۇش" جىنايىتى بىلەن رەسىمىي قولغا ئېلىنغان ئىدى.
ليۇ شياۋبو ئەسلى ئۇنىۋېرسىتېت پروفېسسورى بولۇپ، ئۇ 1989 - يىلىدىكى تىيەنئەنمېن ھەرىكىتىگە قاتناشقان ۋە 20 ئاي تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرۇلغاندىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن.