خىتاي تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ لىدېرلىرىنى ھېلىھەم جازالىماقتا

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 1989 - يىلىدىكى تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى رەھبەرلىرىدىن بىرى بولغان جۇ يۇڭجۈن بۈگۈن خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن 9 يىللىق قاماق جازاسى ۋە 80 مىڭ يۇەن جەرىمانە تۆلەشكە ھۆكۈم قىلىندى.
مۇخبىرىمىز ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2010.01.21

سىچۇەندە سوتلانغان جۇ يۇڭجۈن خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن "باشقىلارنىڭ پۇلىنى ئۆزىنىڭ ھېسابىغا ئۆتكۈزۈۋېلىش" جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن. ئەمما ئۇنىڭ سەپداشلىرى بۇنى قەتئىي رەت قىلىپ، بۇنىڭ پەقەت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دېموكراتچىلاردىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن ئويدۇرۇپ چىقارغان ئويۇنى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

جۇ يۇڭجۈن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى قانلىق باستۇرۇلغاندىن كېيىن ئامېرىكىغا قېچىپ كېتىپ، ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئامېرىكىدا يېشىل كارت بىلەن تۇرغان، بىراق ئامېرىكا پاسپورتىنى تېخى قولغا ئالمىغان. جۇ يۇڭجۈن 2008 - يىلى ياشىنىپ قالغان ئاتا - ئانىسىنى كۆرۈۋېلىش ئۈچۈن باشقا بىر پاسپورت بىلەن خوڭكوڭ ئارقىلىق خىتايغا كىرمەكچى بولغاندا، خوڭكوڭ دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ خىتايغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن.

ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خوڭكوڭنىڭ بۇ ھەرىكىتىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ، خوڭكوڭنى ئۆز قانۇنلىرىنى دەپسەندە قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.