سنتەبىردىن ئىتىبارەن كىنوخانىلاردا قويۇلىدىغان ۋەتەنپەرۋەرلىككە ئائىت كىنولارنىڭمۇ باھاسى 10 يۇەن قىلىپ بېكىتىلگەن بولۇپ، نويابىرغىچە 900 مىڭ ئەتراپىدا بىلەت سېتىلىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.
خىتاي ھازىر ئۆكتەبىردىكى دۆلەت بايرىمىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن تەييارلىق كۆرۈۋاتقان بولۇپ، مۇراسىمنى ساق - سالامەت ئۆتكۈزۈۋېلىش ئۈچۈن بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى قاتتىق كۈچەيتمەكتە. بېيجىڭ دائىرىلىرى ھازىر بېيجىڭنىڭ ئۆزىگىلا 6000 دىن ئارتۇق ساقچى ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەن بىرلىكتە يەنە 800 مىڭ ئەتراپىدا كىشىنى بايرام كۈنلىرىدە كوچىلاردا بىخەتەرلىك قوغداشقا ئورۇنلاشتۇرغان.
خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ ئالدى - كەينىدە دۆلەت بايرىمىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش باھانىسى بىلەن تازىلاش ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بارماقتا. ئۇيغۇر دىيارىنىڭ تېلىفون ۋە ئىنتېرنېت ئالاقىلىرىنىڭمۇ خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمىغىچە ئەسلىگە كەلمەيدىغانلىقى مەلۇم بولماقتا.