خىتاي ئۇيغۇر رايونىدا دۆلەت بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن قاتتىق تەدبىرلەر ئالماقتا
مۇخبىرىمىز ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2009.09.17
2009.09.17
16 - سىنتەبىر كۈنى ئۇيغۇر رايونلۇق قاتناش - ترانسىپورت باشقۇرۇش ئىدارىسى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەر قايسى شەھەرلەر ئارىسىدا قاتنايدىغان ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبۇس شىركەتلىرىدىن ئۆكتەبىر بايرىمى مەزگىلىدىكى بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلغان. بۇنىڭ ئۈچۈن شەھەرلەر ئارا قاتنايدىغان ئۇزۇن يوللۇق يولۇچىلار ئاپتوبۇسىغا چوقۇم بىردىن ئامانلىق قوغداش خادىمى قويۇش ئۇقتۇرۇلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئامانلىق قوغداش خادىمى ھەر بىر يولۇچىنىڭ سومكىسىنى ئېچىپ تەكشۈرىدىكەن ۋە ھەر قانداق بىر گۇمانلىق كىشى ۋە ھەرىكەتكە قارىتا دەرھال تەدبىر قوللىنىدىكەن ھەمدە بۇنى مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارغا مەلۇم قىلىدىكەن.
ئۇيغۇر رايونلۇق قاتناش - ترانسپورت ئىدارىسى ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلاردىن ھەر قانداق يولۇچىلار ۋە يۈك ئاپتوبۇسىنى قاتتىق تەكشۈرۈشنى، گۇمانلىق ئەھۋال ۋە خەتەرلىك ماددىلار بايقالغاندا ۋاقتىدا تەدبىر ئېلىشنى، يولۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ يۈك- تاقىلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغان ۋە ھەر بىر ئۇزۇن يوللۇق يولۇچىلار ئاپتوبوسىدا چوقۇم بىردىن ئامانلىق قوغداش خادىمى بولۇشى كېرەكلىكىنى قاتتىق تەكىتلىگەن.
خىتاي ھازىر دۆلەت بايرىمىنىڭ ئامانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش نامىدا پۈتۈن دۆلەت مىقياسىدا تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئېلىۋاتقان بولۇپ، بېيجىڭ شەھىرىدىمۇ 1 مىليون كىشى كوچا - كوچىلاردا چارلاشقا قويۇلغان ئىدى. بۇ ئەھۋاللار خەلقئارا مەتبۇئاتنىڭ قاتتىق دىققىتىنى قوزغىماقتا.