خىتاي دولقۇن ئەيسانىڭ نېمە ئۈچۈن جەنۇبىي كىرىيىگە كىرگۈزۈلمىگەنلىكىگە ئىزاھات بەردى

خىتاي ھۆكۈمىتى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باش كاتىپى دولقۇن ئەيسانىڭ جەنۇبىي كورىيىگە كىرگۈزۈلمەسلىكىدىكى مەيدانىنى ئىپادىلىدى. 22 - سېنتەبىر خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچى جياڭ يۈ، بۇ ھەقتە توختىلىپ دولقۇن ئەيسانىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە دۇنيا ياشلار قۇرۇلتىيىنىڭ غوللۇق يېتەكچىلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

جياڭ يۈ شەرقىي تۈركىستان ئازادلىق تەشكىلاتىنى "تېررورلۇق تەشكىلاتى" دەپ ئاتىدى ۋە دولقۇن ئەيسانىڭ مەزكۇر تەشكىلاتنىڭمۇ ئاساسلىقى يېتەكچىلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئالدىنقى ھەپتە، جەنۇبىي كورىيە دائىرىلىرى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باش كاتىپى دولقۇن ئەيسانى سېئۇل ئايرودرومىدا توسۇپ قېلىپ، ئۇنى جەنۇبىي كورىيىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان خەلقئارالىق يىغىنغا قاتناشتۇرمىغان ئىدى.

خىتاي باياناتچىسى جياڭ يۈ دولقۇن ئەيسانى "بىر خەلقئارالىق جىنايەتچى" دەپ كۆرسەتكەن بولسىمۇ، دولقۇن ئەيسا سېئۇل ئايرودرومىدا توسۇپ قىلىنغاندا، گېرمانىيە ھۆكۈمىتى دىپلومات ئەۋەتىپ ئۇنىڭغا ياردەمدە بولغان ئىدى.

نۆۋەتتە، دولقۇن ئەيسا گېرمانىيىدە سىياسىي پائالىيەتلىرىنى ئەركىن قانات يايدۇرماقتا.