خىتاي ھۆكۈمىتى ئىنتېرنېت مەسىلىسىدە ئۆزىگە قارىتىلغان ئەيىبلەشنى رەت قىلدى

خىتاي سانائەت ۋە ئۇچۇر مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى ھەم خىتاي دۆلەت ئىشلىرى كابىنېتىنىڭ باياناتچىلىرى يەكشەنبە كۈنى ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئىنتېرنېت خاككېرلىرى مەسىلىسى ۋە خىتاينىڭ ئىنتېرنېتنى باشقۇرۇش مەسىلىسىدە توختىلىپ، "جۇڭگو ھۆكۈمىتى خاككېر ھۇجۇمىغا ئارىلاشتى، دەپ ئەيىبلەشنىڭ قىلچە ئاساسىي يوقلىقىنى، جۇڭگونىڭ يۈزىنى قارىلايدىغان ھەر قانداق ھەرىكەتكە قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقى"نى بىلدۈردى.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2010-01-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

گوگۇل شىركىتى بىلەن خىتاينىڭ ئىختىلاپى مەسىلىسى كېلىپ چىققاندىن كېيىن، خىتاينىڭ ئىنتېرنېتكە بولغان قامال قىلىش مەسىلىسى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ غۇلغۇلىسىنى قوزغىدى. بۇ مەسىلىدە ئالدىنقى ھەپتىدە ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى سېكرېتارى ھىللارىي كىلىنتونمۇ خىتاينى تەنقىد قىلغان ئىدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىدىكى ۋە غەربتىكى بىر قىسىم مەتبۇئاتلاردا غەرب ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئويغىنىپ، خىتاينىڭ گوگۇلنى قامال قىلىشى مەسىلىسىدە خىتاينى ئەيىبلىشى لازىملىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ئىنسان ھوقۇقى تەشكىلاتلىرى بولسا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى خىتاينىڭ ئۈستىدىن دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەرزى قىلىشقا دەۋەت قىلغان. مەزكۇر تەشكىلاتلار ئامېرىكا سودا ۋەكىلىگە ئىلتىماس سۇنۇپ، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ كېلىشىم ئارقىلىق، خىتاينىڭ ئىنتېرنېتكە قاراتقان قامال قىلىشى ۋە تەكشۈرۈشىنى توسۇشىنى تەلەپ قىلغان. ئەمما، ھازىرچە ئامېرىكىنىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىدىكى ۋەكىللەر ئىشخانىسى تېخى بۇنداق قىلىش ھەققىدە قارار چىقارمىغان.

ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم مەتبۇئاتلاردا يەنە خىتاينىڭ ئىنتېرنېتنى كونترول قىلىش ئارقىلىق خەلقئارا سودىغا توسقۇنلۇق قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى كۆز قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئومۇمەن، گوگۇل ۋەقەسى بىلەن خىتاينىڭ ئىنتېرنېتنى قامال قىلىشى، مەتبۇئات ۋە سۆز ئەركىنلىكىنىڭ قاتتىق چەكلىمىگە ئۇچراتقانلىقى غەرب مەتبۇئاتلىرى ۋە خەلقئارا جەمئىيەت ئەڭ كۆپ كۆڭۈل بۆلگەن مەسىلىگە ئايلانغانلىقى مەلۇم.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت