فىلىپپىن بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى بۇ تىركىشىش 10-ئاپرېل كۈنى باشلاندى. شۇ كۈنى فىلىپپىن دائىرىلىرى فىلىپپىن دېڭىز تەۋەلىكىدە قانۇنسىز بېلىق تۇتقان ئىككى خىتاينى قولغا ئالغاندىن كېيىن، خىتاي دەرھال دېڭىز چارلىغۇچى پاراخوتىنى رايونغا ئەۋەتكەن ۋە نەتىجىدە ئىككى تەرەپ پاراخوتلىرى تالاش-تارتىشتىكى دېڭىز رايونىدا تىركىشىپ تۇرۇۋاتقان ئىدى. بۈگۈن خىتاينىڭ رايونغا 3-چارلىغۇچى پاراخوتىنى ئەۋەتىشى بىلەن جىددىيلىك تېخىمۇ ئۆرلىدى.
فىلىپپىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۈگۈن بەرگەن باياناتىدا خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدا ئىگىلىك ھوقۇقى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنىڭ خەلقئارا قانۇنلار بويىچە ھېچبىر ئاساسى يوقلۇقىنى ئەسكەرتتى.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، فىلىپپىن دائىرىلىرى مەزكۇر مەسىلىنى دىپلوماتىك ئۇسۇللار ئارقىلىق ھەل قىلىش ئۈچۈن مەسىلىنى خەلقئارا سوتقا تاپشۇرۇشقا تەييارلانماقتا. ئەمما خىتاي ئىلگىرى بۇ تەكلىپنى رەت قىلغان ئىدى.