گرېتسىيە ئىشچىلىرى خىتاينىڭ گرېتسىيە پرېىستانلىرىنى ئىجارىگە ئالغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى

گرېتسىيىدە پورت ئىشچىلىرى سەيشەنبە كۈنى 24 سائەت ئىش تاشلىغان بولۇپ ئۇلارنىڭ بۇ نارازىلىقىغا،گرېتسىيىنىڭ ئەڭ چوڭ سودا پورتىنى خىتايغا 35 يىللىق ئىجارىگە بېرىش كېلىشىمى ئىمزالىغانلىقى سەۋەب بولغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ
2008-11-25
Share

گرېتسىيىدە ئۈچ كۈنلۈك دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇۋاتقان خىتاي رەھبىرى خۇ جىنتاۋ، گرېىتسىيە باش مىنىستىرى كارامانلىس بىلەن سەيشەنبە كۈنى خىتاي ‏ - گرېىتسىيە دېڭىز پورتى سودا ئالاقىسىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا 5 مىليارد 400 مىليون دوللارلىق سودا كېلىشىمى ھاسىل قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن خىتاي ئوتتۇرا دېڭىز ۋە شەرقىي ياۋرۇپاغا ماڭغۇزىدىغان مال كانتېنىرلىرىنى قاچىلاش ئۈچۈن گرېتسىيىنىڭ ئاساسلىق ئىككى پرېىستانىنىڭ 35 يىللىق ئىشلىتىش ھوقوقىغا ئىگە بولغان.

گرېتسىيىنىڭ مەزكۈر پرېستانلىرى تىنچ ئوكياندىكى مۇھىم ھەم چوڭ مال قاچىلاش ئورنى بولۇپ، پرېستاندىكى ئىشچىلار خىتاينىڭ مەزكۈر پرېستانلارنى ئىجارىگە ئېلىشى بىلەن زور كۆلەمدە خىتاينىڭ سۈپەتسىز ماللىرىنىڭ ئېقىپ كىرىپ گرىتسىيە بازارلىرىنى قالايمىقانلاشتۇرىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا ئىكەن.

سەيشەنبە كۈنى خىتايغا ئىجارىگە بېرىلگەن مەزكۈر پرېستانلاردىكى مال قاچىلاش ئىشچىلىرى گرېتسىيە پايتەختى ئافىنا مەركىزىدە ئايلىنىپ نامايىش قىلغان. نامايىشچىلار دۆلەت مىنىستىرلىقىغا كىرىشكە ئۇرۇنغان بولسىمۇ توسۇپ قېلىنغان.
گرېتسىيە دېڭىز سودا پورتى ياۋرۇپادىكى ئون چوڭ سودا پورتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، دۇنيادىكى %20 تىن كۆپرەك كانتىنېرلار گرېتسىيە پورتلىرىدىن توشۇلىدۇ.

خىتاينىڭ گرېتسىيە دېڭىز پورتىغا سالغان مەبلىغى ئۇزاق يىللىق سودا ئىستراتېگىيىسىنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، ھالبۇكى بېرىتانىيە ئاخباراتىدا گرېتسىيە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى رەھبىرىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، ئۇلار خىتاينىڭ مەزكۈر پورتلاردا مال قاچىلاپلا قالماي زاۋۇتلارنى قۇرۇپ خىتايدا ئىشلەنگەن ماللارغا ئۆز ئالدىغا ياۋرۇپا ماركىلىرىنى قايتا قاچىلاپ سېتىشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ دەپ قارىماقتا.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت