خىتاي گوگۇلغا ئوچۇق گېپىنى قىلدى

گوگۇل ئىنتېرنېت شىركىتى ئۆتكەن ھەپتە بايانات ئېلان قىلىپ، ئەگەر خىتاي ئۇچۇر ئەركىنلىكىگە داۋاملىق توسقۇنلۇق قىلسا، شىركەتنىڭ خىتايدىن چېكىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان؛ خىتاي ھۆكۈمىتى گوگۇل ئىنتېرنېت شىركىتىگە ھازىرغا قەدەر ئېنىق ۋە ئۇدۇل جاۋاب قايتۇرمىغان ئىدى. بۈگۈن خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى بۇ ھەقتە ئېنىق ئىپادە بىلدۈردى.

باياناتچى بۈگۈنكى ئىپادىسىدە، خىتايدا تىجارەت قىلىۋاتقان چەتئەل شىركەتلىرىنىڭ، چوقۇم خىتاينىڭ قانۇنىغا قانۇنىغا بويسۇنۇشى كېرەكلىكىنى، گوگۇل شىركىتىنىڭمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى. بۇ يېقىنقى بىر ھەپتىدىن بېرى خىتاينىڭ تۇنجى قېتىم گوگۇل شىركىتىنىڭ نامىنى تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ ئوچۇق ئىنكاس قايتۇرۇشىدۇر.

خەۋەرلەردە بايان قىلىنىشىچە، گوگۇل شىركىتى يۈز بەرگەن خاككېر ھۇجۇملىرى مەسىلىسىنى داۋاملىق تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى، تەكشۈرۈشنىڭ مۇھىم بىر قىسمى سۈپىتىدە، شىركەتنىڭ خىتاي خىزمەتچىلىرىنىڭ ئالاھىدە تەكشۈرۈلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

تۈنۈگۈن يەنە، ھىندىستان ھۆكۈمىتىمۇ بىر قىسىم ھۆكۈمەت تور بەتلىرىنىڭ خىتاينىڭ خاككېر ھۇجۇملىرىغا ئۇچرىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. خىتاي بۈگۈن بۇ مەسىلىگە جاۋاب قايتۇرۇپ، ھىندىستانغا خىتاي تەرەپتىن خاككېر ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئىنكار قىلغان؛ ئەكسىچە خىتاي ئۆزىنىڭ خاككېر ھۇجۇملىرىنىڭ قۇربانى بولغانلىقىنى بايان قىلغان.