خىتاي: 'گوگۇل مەسىلىسى ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋەتلىرىگە تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ'

گوگۇل ئىنتېرنېت شىركىتى خىتاينى ئىنتېرنېتكە بولغان قاماللىقنى ئارتتۇرۇش ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئېلخەت ئادرېسلىرىغا كىرىش بىلەن ئەيىبلىگەندىن كېيىن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىمۇ خىتايغا رەسمىي دىپلوماتىك نوتا تاپشۇرۇدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
مۇخبىرىمىز ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2010.01.21

ۋەقە بولۇپ بىر ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن، خىتاينىڭ بەيدۇ ئىزدەش ماتورىمۇ ئامېرىكىنىڭ بىر شىركىتىنى ئۆزىگە خاككېرلىق ھۇجۇم قىلىش ئەيىبلەپ، مەزكۇر شىركەتنى ئەرز قىلغان. ئەمما ئانالىزچىلار بۇنىڭ خىتاينىڭ گوگۇلنىڭ ھەرىكىتىگە قارشى ئويناۋاتقان سىياسىي ئويۇنى ئىكەنلىكىنى ئېيتىشماقتا.

پەيشەنبە كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى بۇ ھەقتىكى سوئاللارغا جاۋاب بەرگىنىدە، "گوگۇلنىڭ مەسىلىسى ھەرگىزمۇ ئىككى تەرەپ ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ۋە ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتىگە تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ،" دېدى.

گوگۇل ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى ئىنتېرنېت قاماللىقىنى ئەمەلدىن قالدۇرمىغان تەقدىردە خىتاي بازىرىدىن چېكىنىپ چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ئىككى كۈننىڭ ئالدىدا گوگۇل خىتايدا ئىش قىلىمەن دەيدىكەن، خىتاينىڭ قانۇن - نىزاملىرىغا ئەمەل قىلىشى كېرەك، دېدى.

ب ب س نىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتايدىكى چەتئەل شىركەتلىرىنىڭ ھەممىسى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىزدەش ماتورى بولغان گوگۇل ئارقىلىق ئىش قىلىدىغان بولۇپ، گوگۇل چېكىنىپ چىقىپ كەتكەن تەقدىردە خىتاي ناھايىتى ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىدىكەن.

گوگۇلنىڭ مەسىلىسى ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن، خىتايدىكى ئىنتېرنېت ئەركىنلىكى مەسىلىسى كەڭ مۇنازىرە قىلىنماقتا. بۈگۈن ئەتىگەن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىللارىي كلىنتون خانىممۇ ئىنتېرنېت ئەركىنلىكى مەسىلىسى ھەققىدە نۇتۇق سۆزلەپ خىتاينى ئەيىبلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.