خىتاي بۇ يىللىق ھەربىي خام چوتىنى 7.5 پىرسەنت ئۆستۈردى

خىتاي بۇ يىللىق ھەربىي خام چوتىنىڭ كۆپىيىش نىسبىتىنى ئۆتكەن يىلقىدىن يېرىم ھەسسە ئازايتىپ، 7.5 پىرسەنت ئۆستۈردى. بۇ خىتاينىڭ يېقىنقى 20 يىلدىن بېرى دۆلەت مۇداپىئە خام چوتىنى ئەڭ ئاز ئۆستۈرگەن بىر يىلدۇر.

بەزى ئانالىزچىلار بۇ ئىقتىسادى كرىزىسنىڭ تەسىرى ۋە خىتاينىڭ ھەربىي تەرەققىياتى بەزى دۆلەتلەردە پەيدا قىلغان ئەنسىزلىكنى پەسەيتىش ئۇرۇنۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارىماقتا.

خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى لى جاۋشىڭ خەلق قۇرۇلتىيى مەملىكەتلىك يىغىنىنىڭ ئېچىلىش ھارپىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ھەربىي خام چوت خىتاينىڭ "ھەر خىل تەھدىتكە قارشى تۇرۇش" ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ تىنچ تەرەققىيات يولىدا ماڭىدىغانلىقىنى ۋە ھەربىي تەرەققىياتى مۇداپىئەنى چىقىش قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى 20 يىلدىن بېرى دۆلەت مۇداپىئە خام چوتىنى ھەر يىلى ئاز دېگەندە 15% تىن ئۆستۈرۈپ، ئامېرىكا ھىندىستان، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە خىتاينىڭ ھەربىي ئىشلارنى تەرەققى قىلدۇرۇشتىكى نىيىتىگە قارىتا گۇمان قوزغىغان ئىدى.

خىتاينىڭ 2009 ‏- يىللىق ھەربىي خام چوتى 70 مىليارد دوللار بولۇپ، لى جاۋشىڭ بۇ يىللىق خىتاي ھەربىي خام چوتىنىڭ 78 مىليارد دوللارغا ئۆستۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. خىتاينىڭ 2009 - يىللىق ھەربىي خام چوتى 9.14 پىرسەنت ئۆستۈرۈلگەن ئىدى. لېكىن ۋاشىنگتوندىكى بەزى ھەربىي مۇتەخەسسىسلەر خىتاينىڭ ئەمەلىيەتتىكى ھەربىي خام چوتى خىتاي ئېلان قىلغاندىن كۆپ يۇقىرى ئىكەنلىكى، ئەمەلىيەتتىكى ھەربىي سېلىنما 140 مىليارد دوللاردىن 150 مىليارد دوللارغا قەدەر يېتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.