خىتاي «ئازادلىق ئارمىيىسى گېزىتى» نىڭ تور بېتىدە جۈمە كۈنى بېرىلگەن خەۋەرگە قارىغاندا، خىتاي بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق ھەربىي ساھەدىكى چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئالماقچى بولغان.
خەۋەرگە قارىغاندا، بۇ بۇيرۇق پەقەت ھەربىي ساھەدە يېتەكچىلىك ۋەزىپىسى ئۆتەۋاتقان بارلىق خادىملارغا قارىتىلغان بولۇپ، بۇنىڭدا خادىملار مال - مۈلكى، مائاشى، ۋە قول ئىلىكىدىكى تۇرالغۇ جاي قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى مەلۇم قىلىش تەلەپ قىلىنغان.
خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن: ئوفىتسېرلار تاپشۇرغان مەلۇماتلار كۈچەيتىلگەن دەلىللەش تەرتىپى بويىچە تەكشۈرۈلىدۇ.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتايدا ھەربىي ئەمەلدار ئىمتىيازدىن پايدىلىنىپ قاتناش قائىدىسىگە رىئايە قىلمايدىغان ۋە ناتوغرا ۋاسىتىلەر بىلەن پۇل تاپىش قىلمىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئەھۋاللار كۆپ كۆرلىدىكەن.
خىتايدا چېرىكلىكنىڭ چوڭقۇر يىلتىز تارتقان ئىجتىمائىي ۋە تۈزۈلمە مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.